ھۆرمەتلىك زىيالىمىز، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى سىزنى قۇتدغۇ بىلىگ ژورنىلىغا ماقالە يېزىشقا چاقىرىدۇ.

بۇ ژۇرنال ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ قۇتادغۇبىلىگ ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن چىقىرىلدىغان قەرەللىك، ئاممىباپ تۈسىنى ئالغان ئىجتىمائىي پەن ژۇرنىلىدۇر. ئۇ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىققا ئائىت تەتقىقاتلارنى كەڭ خەلقىمىزگە سۇنۇشنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدا بىر مۇنبەر قۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەد قىلىدۇ.

ژۇرنالنىڭ نۆۋەتتىكى سانى دىۋانۇ لۇغەتىت تۈركنىڭ يېزىلغىنىنىڭ 950 يىللىقىغا بېغىشلىنىدۇ.

بىز پىداكار ئىلىم ئەھلىلىرىمىزنىڭ بۇرۇن  ۋەتەندە نەشردىن چىقىرالمىغان ياكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشەلمىگەن يازمىلىرى، ماقالىلىرىنى، ياكى ۋەتەن سىرتىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتلىرىنى خەلقىمىز بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئۇمىد قىلىمىز.

ماقالىلارنىڭ تېمىسى ئىجتىمائىي پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە:

  • ئۇيغۇر كىلاسسىك ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى
  • ئۇيغۇر فولكلور تەتقىقاتى
  • ئۇيغۇر سەنئىتى
  • ئىنسانشۇناسلىق
  • تىلشۇناسلىق
  • جەمىيەتشۇناسلىق
  • ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار (دۇنيادىكى ئۇيغۇرشۇناسلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەمگىگىنى تونۇشتۇرۇش ئاساس قىلىنىدۇ)
  • پىسخىلوگىيە ۋە پىسخىق ساغلاملىق بىلىملىرى
  • تارىخ ۋە ئارخىلوگىيە
  • ئاخبارات ۋە گېزىتشۇناسلىق
  • سىياسەت ۋە دېپلوماتىيە
  • مائارىپ ۋە ئانا تىل تەربىيەسى (ھەر دەرىجىلىك)
  • ئائىلە تەربىيەسى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان زىيالىلىرىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش، جانلاندۇرۇش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇتدغۇ بىلىگ ژورنىلىغا ئۇيغۇر تىلىداماقالە يېزىپ ئەۋەتىشىنى سورايمىز.

ماقالىنىڭ قۇرۇلمىسى:

  • تېمىسى، قىسقىچە مەزمۇنى، ئاچقۇچلۇق سۆزلەر، ماقالىنىڭ تولۇق مەزمۇنى، تەشەككۈرنامە(ئەگەر بولسا)، پايدىلانمىلار بولۇشى كېرەك.
  • ژوزنىلىمىز 2009-يىلى ۋەتەندە بېسىلغان ئىملا قائىدىسىنى ئاساس قىلىدۇ.

ماقالىلەرگە قويۇلىدىغان تېخنىكلىق تەلەپلەر:

  • ئاساسى تېكىست خەت نۇسخىسى: UKIJ Tuz Kitab
  • خەت نۇسخا چۈشۈرۈش ئادېرىسى:http://www.ukij.org/fonts/
  • خەت چوڭلۇقى: 12
  • تېكىست ئارىلىقى: single
  • بەت سانى: يۇقىرىقى ئۆلچەم بويىچە كۆپ بولغاندا ئون بەت ئەتراپىدا.

ئەسەر ئەۋەتىش ئادرېسى: kutadgubiligjournal@gmail.com

ئاپتورلارنىڭ دىققىتىگە:

  • ئاپتورلار ماقالىسىنى ئىككى نۇسخا (ۋورد ۋە پ.د.ف ھۆججىتى) قىلىپ، ئەۋەتىشى كېرەك.
  • ئايرىم بەتتە ئاپتور ئۆزىنىڭ ئۇچۇرىنى، يەنى ئىسىم فامىلىسى، ئىلمىي ئۇنۋانى ياكى كەسپىي، نۆۋەتتىكى خەت-ئالاقە ۋە ئېلېكترونلۇق خەت ئادرېسى قاتارلىقلارنى تەمىنلىشى كېرەك.
  • ئاپتورلار ماقالىنىڭ ئىلمىلىكىگە ۋە نەشر ئەخلاقىغا ئۆزلىرى مەسئۇل بولىدۇ.

يوللاش:

  • ئېلېكترونلۇق خەت ئارقىلىق، ھۆججەت نامىنى «قۇتادغۇ-بىلىگ-ژۇرنىلى-ماقالىڭىزنىڭ تېمىسى-سىزنىڭ ئىسىم-فامىلىڭىز» شەكىلدە يېزىپ ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.

ماقالە تاپشۇرۇش چېكى:

  • 2024-يىلى 4 – ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ سائەت 11:59، ئامېرىكا شەرقىي قىرغاق ۋاقتى.