قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى قەرەللىك ژورنىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار
- ژورنال ھەققىدە
ئسمى: قۇتادغۇ بىلىگ ئىلمىي ژورنىلى
ئالاھىدىلىكى: بىر يىلدا ئىيۇن ۋە دېكابىر ئايلىرىدا جەمئى 2 سان چىقىدىغان، خەلقئارالىق، رېپىرلىق، ئىجتىمائى پەن ساھەسىدىكى ئىلمىي ماقالىلار بېسىلىدىغان ژورنالدۇر. ئىلمىي ماقالىلاردىن باشقا، كىتاپ تونۇتۇش ماقالىلىرىمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ. كىتاپ تونۇتۇش ماقالىلىرى، ئىلمىي ماقالىلارنىڭ 30% دىن كۆپ بولمايدۇ. ھەر يىلى بۇ ئىككى سان بىر توپلام ھالىتىدە بېسىلىپ، پەرقلىق دۆلەتلەردىكى تۈركولوگىيە تەتقىقات مەركەزلىرىگە ۋە مۇھىم كۈتۈپخانىلارغا ئەۋەتىلىدۇ. مۇشتەرى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تراژى كۆپەيتىلىدۇ ۋە بېسىش چىقىملىرى ھەل قىلىنىدۇ.
تىلى: ژورنالنىڭ تىلى ئۇيغۇرچە بولۇپ تۈركچە ۋە ئىنگىلىزچە ماقالىلارمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرچە ماقالىلارنىڭ نىسبىتى 80%تىن يۇقۇرى بولىدۇ.
يېزىق: ژورنالدا ئىشلىتىلىدىغان يېزىق-كونا يېزىقتۇر. شۇڭا ماقالىلارنىڭ بىردەك ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا يېزىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ژورنالنىڭ بەلگىسى: ژورنالنىڭ بەلگىسى، كىتاپ ئۈستىدە قۇياش نۇرى چېچىلىۋاتقان رەسىم بولۇپ، ئاستى تەرىپىدە ژورنالنىڭ ئىسمى يېزىلغان. بۇ بەلگە، بىلىم ئارقىلىق يورۇقلۇققا چىقىشنى ئىپادىلەيدۇ.
ئوچۇق زىيارەت پرىنسىپى: ماقالىلار، ژورنالنىڭ تور بېتىدە ئىلان قىلىنىدۇ.
ماددىي شەرتلىرى: ژورنال_يازغۇچىلاردىن ھىچقانداق ھەق ئالمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يازغۇچىلارغا قەلەم ھەققىمۇ بەرمەيدۇ.
بەت سانى: چەكلەنمەيدۇ. بىر ساندا ئەڭ ئاز ئەلتە، ئەڭ كۆپ ئون ئىككى ماقالىغا ئورۇن بېرىلىدۇ.
ژورنالنىڭ ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىگە ۋاكالىتەن ئىگىسى: در. ئابلەت سەمەت
باش مۇھەررىرى: دوتس. در. رائىلە ئابدۇلۋاھىت قەشقەرىي
ياردەمچى مۇھەررىرى: دوكتورانت مىھرىئاي ئوسمان
ئاسپىرانت بىنۇرە ئابدۇقاھار
تۈركچە قىسىملارنىڭ تەھرىرى: ئاسپىرانت ھىلال ئۆزتۈرك
ئىنگىلىزچە قىسىملارنىڭ تەھرىرى: در. گۇلنار ئەزىز (ئامېرىكا)
بەتچىك: ئابىدە تۇرغۇن
ژورنالنىڭ بەلگىسىنى لاھىيەلىگۈچى: مامۇتجان ئالى
تەھرىر ھەيئىتى: (ئىسىملار_ ئۇنۋانلارنىڭ تەرتىۋىگە ۋە ئوخشاش ئۇنۋانلاردا ئېلىپبە تەرتىۋىگە ئاساسەن يېزىلدى. ئۇنۋانلار قىسقارتىپ يېزىلدى.)
پروف. در. ئابلەت كامالوۋ (قازاقىستان)
پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت (تۈركىيە)
دوتس. در. رائىلە ئابدۇلۋاھىت قەشقەرىي (تۈركىيە)
در. ئابلەت سەمەت (گېرمانىيە)
در. ئايسىما مىرسۇلتان (گېرمانىيە)
در. ئاينۇر قادىر (كانادا)
در. دىلمۇرات مەخمۇت
در. زەمىرە غۇلجالى (تۈركىيە)
در. گۇلنىسا نازاروۋا (ئامېرىكا)
در. مەخپىرەت يۇنۇسئوغلى (تۈركىيە)
- ژورنالنىڭ مەقسىدى ۋە دائىرىسى
مەقسىدى: ژورنال- سۈپەتلىك ماقالىلارنى ئىنتىزاملىق نەشرىياتچىلىق ئېڭى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىلىم تىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا تىللىرى ئارىسىدىكى ئورنىنى تېپىشىغا تۆھپە قوشۇشنى، بىلىمنى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە ۋە ئىدارە-جەمئىيەتلەرگە ئۇيغۇر تىلى بىلەن تەقدىم قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرخىل ساھەدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۇيغۇرچە ئورتاقلىشىدىغان، مۇھاكىمە قىلىدىغان بىر سۇپا رولىنى ئويناپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋە كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ بىلىمگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆزلەيدۇ . دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئىندېكسلار (sscı, scopus قاتارلىق) تەرىپىدىن سۈزىلىدىغان ژورنال سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇر تىلىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىر-قىممىتىنى قوغداش-ژورنالنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسەتلىرىدىن يەنە بىرىدۇر.
دائىرىسى: ئىجتىمائى پەنلەرنىڭ ھەممە تۈرىگە ئائىت تېمىلاردا يېزىلغان ماقالىلار، باھالاش ئوبېكتى بولالايدۇ.
- ئەخلاق پرىنسىپى ۋە نەشر قىلىش سىياسىتى
باھالاش شەرتلىرى: بۇرۇن ئىلان قىلىنمىغان ۋە ھازىر ھىچبىر ژورنالنىڭ باھالاش باسقۇچىدا بولمىغان يېڭى ماقالىلار، مۇنۇ يەردىن چۈشۈرۈلىدىغان ئۆلچەملىك ۋورد ھۆججىتىگە يېزىلىشى كېرەك. يېزىش قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىنمىغان ۋە قېلىپ ھۆججەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان ماقالىلار، باھالاشقا ئېلىنمايدۇ. ماگېستېر ئاسپىرانتلارنىڭ، دوكتورانتلارنىڭ ۋە دوكتور ئۇنۋانلىق ئىلمىي خادىملارنىڭ ماقالىلىرى باھالاش ئوبىكتى بولالايدۇ. ماقالىلار kutadgubiligjournal@gmail.com
ئەلخەت ئادرىسىغا ئەۋەتىلىدۇ. بۇ ئادىستىن باشقا ئادرىسلارغا ئەۋەتىلگەن ماقالىلار، باھالاشقا ئېلىنمايدۇ.
ماقالىلارنىڭ ئېلان قىلىنىش جەريانى: شەرتلەرگە مۇۋاپىق ماقالىلار، ژورنالنىڭ تەھرىر ھەيئىتىنىڭ باھالىشىغا سۇنۇلىدۇ. باھالاشتىن ئۆتكەن ماقالىلار، ماقالىنىڭ تېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ساھەدە ئەمگەكلىرى بىلەن تونۇلغان ئىككى مۇتەخەسسىسكە پىكرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلىدۇ. رېپىرلاردىن بىرسىنىڭ پىكرى نېگاتىپ بولسا، ئۈچۈنچى رېپىرغا يوللىنىدۇ. ماقالىنىڭ بېسىلىشى ئۈچۈن ئىككى رېپىردىن پوزىتىپ دوكلات كېلىشى شەرت. ژورنال، ئىككى پوزىتىپ دوكلاتقا ئىگە ماقالىنىمۇ مۇۋاپىق كۆرمىسە، تەھرىر ھەيئىتىنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئىلان قىلماسلىق ھەققىگە ئىگە. رېپىرنىڭ تۈزىتىش ئىستەكلىرىگە بىرمۇبىر ئەمەل قىلمىغان ۋە بېرىلگەن مۇددەت ئىچىدە تۈزىتىلمىگەن ماقالىلار ئىلان قىلىنمايدۇ. رېپىرنىڭ تۈزىتىش تەلىپىنى رەت قىلغۇچىلار، سەۋەبى ئېنىق يېزىلغان بىر ھۆججەت ئەۋەتىشى كېرەك. بۇ خىل ئەھۋالدا يېڭىدىن رېپىر بەلگىلەش ياكى ماقالەنى رەت قىلىش ھوقۇقى، تەھرىر ھەيئىتىگە مەنسۇپ. تەھرىر ھەيئىتى تەرىپىدىن باھالاش ئوبېكتى قىلىنمىغان ياكى ئىككى نېگاتىپ دوكلات سەۋەبى بىلەن ئىلان قىلىنمىغان ماقالىلار ئۈچۈن، يازغۇچىغا ئىزاھلىق ئەلخەت ئارقىلىق چۈشەنچە بېرىلىدۇ. يازغۇچى بىلەن رېپىرتىر ئارىسىدا بىلىنمەسلىك سېستىمىسى قۇرىلىدۇ. بىر تەرەپنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرى قارشى تەرەپكە بېرىلمەيدۇ. رېپىرتىرنىڭ دوكلادى ژورنال تەرىپىدىن بەش يىلغىچە ئارخىپلىنىدۇ. ئەۋەتكەن ماقالىسى ئۈچۈن يازغۇچى «نەشىر ھوقۇقىنى ژورنالغا ئۆتۈنۈپ بېرىش ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالايدۇ. ئەگەر يېقىندا ئىلان قىلىنىدىغان سان ئۈچۈن ماقالە كوتاسى توشۇپ كەتكەن بولسا، كېيىنكى سانغىچە كۈتكۈزىلىدۇ. ماقالىدىكى پىكىر، ئۇچۇر ۋە ئىدىئولوگىيە يازغۇچىغا ئائىتتۇر. ژورنال بۇ ھەقتىكى قانۇنىي جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. كۆچۈرمىكەشلىكى ۋە دورامچىلىقى پاش بولغان ماقالىلار، ئىلان قىلىنىش باسقۇچىدا بولسا ئىلان قىلىنمايدۇ، ئىلان قىلىنىپ بولغان بولسا بۇ يازغۇچىنىڭ باشقا ماقالىلىرى ئىككى يىلغىچە باھالاشقا ئېلىنمايدۇ.
يازغۇچى، ژورنالنىڭ ئەلخەت ئادرىسىغا ماقالە ئەۋەتكەن پەيتتە يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان شەرتلەرنى قوبۇل قىلغان ھېساپلىنىدۇ. مۇنۇ يەردىن چۈشۈرىلىدىغان «نەشىر ھوقۇقىنى ژورنالغا ئۆتۈنۈپ بېرىش ئەھدىنامىسى» يازغۇچى ياكى مەسئۇل يازغۇچى تەرىپىدىن ئىمزالىنىپ، پ دف ھۆججىتى قىلىپ تەييارلىنىپ، ماقالە بىلەن بىرگە ئەۋەتىلىشى كېرەك.
- يېزىش قائىدىلىرى
ژورنال_ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قېلىپلاشقان ۋە بىرلىككە كەلگەن ئىملا قائىدىلىرىنى قوللايدۇ. ئەدەبىي تىلنىڭ پىششىقلىنىپ بىلىم تىلى بولۇشى ئۈچۈن يازغۇچىلارنىڭ سەزگۈر ۋە مەسئۇلىياتچان بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. باشقا تىللاردىن ئېلىنغان كۆچمە سۆزلەردە، چەتئەلچە تېرىملارنىڭ بىرمۇ بىر كۆچۈرۈپ ئېلىنماسلىقىنى، يازغۇچىلار تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ماقالىنىڭ بۆلۈملىرى
ئىلمىي ماقالىنىڭ تەرتىپى: ماقالە_ تېما،يازغۇچىنىڭ ئۇچۇرلىرى، قىسقىچە مەزمۇنى، ئاچقۇچلۇق سۆزلەر، ئانا يازما (مەتىن)، خۇلاسە، پايدىلانمىلار ۋە ئىنگىلىزچە كېڭەيتىلگەن خۇلاسە ( extended summary) قاتارلىق بۆلۈملەردىن تەركىپ تاپىدۇ.
تېما: بەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۇيغۇرچە يېزىلىدۇ.
يازغۇچىنىڭ ئۇچۇرلىرى: تېمىنىڭ ئاستىغا يازغۇچىنىڭ ئىسمى بىلەن پەمىلىسى يېزىلغاندىن كېيىن ئىزاھات ئۈچۈن بىر يۇلتۇز بەلگىسى قوشۇلىدۇ. بەتنىڭ ئاستىدىكى بۇ يۇلتۇز بەلگىسىگە بېقىنىدىغان بۆلۈمدە يازغۇچىنىڭ ئۇنۋانى، مۇناسىۋەتلىك ئدارە-جەمىئىيەت ياكى ئىش ئورنىنىڭ ئىسمى ۋە ئادرىسى، ئەلخەت ئادرىسى، خەلقئارالىق كود (ORCID ) قاتارلىق شەخسى ئۇچۇرلار ئورۇن ئالىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار رېپىرتىرلارغا كۆرسىتىلمەيدۇ.
قىسقىچە مەزمۇنى: ئۇيغۇرچە يېزىلىدۇ. 150-200 سۆز بولىشى كېرەك.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئۇيغۇرچە يېزىلىدۇ. 3-6 سۆزدىن تەشكىل تاپىدۇ.
قىسقىچە مەزمۇننىڭ يېزىلىش تەرتىپى: ئۇيغۇرچە قىسقىچە مەزمۇنى- ئاچقۇچلۇق سۆزلەر؛ تۈركچە تېما-قىسقىچە مەزمۇنى-ئاچقۇچلۇق سۆزلەر؛ ئىنگىلىزچە تېما-قىسقىچە مەزمۇنى- ئاچقۇچلۇق سۆزلەر.
ئانا يازما : ماقالىنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان بۆلۈم بولۇپ، كىرىش، كىچىك تېمىلار ۋە نەتىجىدىن تەركىپ تاپىدۇ.
كىرىش: ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان پىكىرگە مۇناسىۋەتلىك ئومۇمىي بايان، مېتودولوگىيە، مەقسەت قاتارلىقلار ئورۇن ئالىدۇ.
كىچىك تېمىلار: ماقالىدىكى پىكىرنىڭ سېستىمىلىق ۋە چۈشۈنۈشلۈك ئىپادىلىنىشى ئۈچۈن نۇمۇرلاندۇرۇلغان كىچىك تېمىلار ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.
خۇلاسە : تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى تىلغا ئېلىنىدۇ.
پايدىلانمىلار: تەتقىقات جەريانىدا پايدىلانغان مەنبەلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.
خۇلاسە: 700-1000 سۆز ئارىلىقىدا ئىنگىلىزچە يېزىلغان ) extended summary (بۆلۈمدۈر.
يېزىش قائىدىلىرى
خەت نۇسخىسى ۋە ئۆلچىمى: ماقالە ئۆلچەملىك ھۆججەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا خەت نۇسخىسى؛ قۇرلارنىڭ ۋە پاراگرافلارنىڭ بوشلۇق ئۆلچىمى؛ بەتنىڭ ئوڭ-سول، ئاست-ئۈست تەرەپلىرىنىڭ بوشلۇق ئۆلچىمى؛ تېما، كىچىك تېما، بەت ئاستى ئىزاھلارنىڭ ئۆلچىمى قاتارلىق مەسىلىلەر ئاپتوماتىك ھەل قىلىنغان، بىر خىل سېستىمىغا كىرگۈزۈلگەن بولىدۇ. ( قېلىپ ھۆججەتتىن پايدىلىنىڭ.) ماقالىڭىزنى بۆلۈم تەرتىپىگە ئاساسەن ئايرىم ئايرىم قېلىپ ھۆججەتكە چاپلىسىڭىز بولىدۇ، چاپلىغان ۋاقىتتا پەقەتلا مەتىننى ساقلاپ قېلىشنى تاللاڭ. ( “Yalnızca metni koru” ”Only protect text
ماقالە مىكروسوفت ۋورد پروگرامىسىدا بەت شەكلى تۆۋەندىكىدەك بولىشى كېرەك.
ۋاراق چوڭلىقى | ئېگىزلىك:cm 29.7 كەڭلىك:cm 21 | ||
ئۈست بوشلۇق | 3 cm | ||
ئاست بوشلۇق | 3 cm | ||
سول بوشلۇق | 3 cm | ||
ئوك بوشلۇق | 3 cm | ||
ئانا يازما | |||
خەت نۇسخىسى | UKİJ Zilwa | ||
چوڭلىقى ( ئانا يازما) | 16 | ||
چوڭلىقى ( ئىزاھات) | 12 | ||
ئابزاس ئارلىقى | ئاۋۋال nk 0 ، كېيىن nk 6 | ||
قۇر ئارلىقى | 1 | ||
قىسقىچە مەزمۇن ۋە ئاچقۇچلۇق سۆزلەر | |||
ئۇيغۇرچە | خەت نۇسخىسى | UKIJ Zilwa | |
چوڭلىقى | 14 | ||
تۈركچە
ئىنگلىزچە |
خەت نۇسخىسى | Times new roman | |
چوڭلىقى | 12 | ||
پايدىلانمىلار- ئانا يازما ئىچىدە كۆرسۈتۈلگەندە تىرناق ئىچىدە فامىلە- بېسىلغان يىل- ئۈست ئۈستكە ئىككى چېكىت-بەت نۇمۇرى شەكلىدىكى سېستىما بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن: (ئىنايەت 2007: 56 ) .
بەتنىڭ ئاستىدا پەقەتلا چۈشەندۈرۈش ئىھتىياجى سەۋەپلىك يېزىلغان ئىزاھاتلار يەر ئالالايدۇ. بۇ ئىزاھاتلار ۋورد ھۆججىتىنىڭ بەت ئاستىغا ئىزاھات قوش دېگەن ئالاھىدىلىكى قوللۇنۇش ئارقىلىق، ساناق سان بىلەن نۇمۇرلاندۇرۇلغان ھالدا قوشۇلىدۇ.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا بېرىلگەندە بولسا فامىلە-پەش-ئىسىم-چېكىت-تىرناق ئىچىدە نەشىر قىلىنغان يىل-چېكىت-يانتۇ خەتلىك كىتاپ ئىسمى (ياكى قوش تىرناق ئىچىدە ماقالە ئىسمى-يانتۇ خەتلىك كىتاپ ياكى ژورنال ۋەياكى گېزىت ئىسمى)-چېكىت-نەشىر قىلىنغان شەھەر ئىسمى-ئۈست ئۈستكە ئىككى چېكىت-نەشرىيات ئىسمى شەكىلدىكى سېستىما بۇيىچە يېزىلىدۇ. ئەگەر پايدىلانما بىر ماقالە بولسا، باشلانغۇچ ۋە ئاخىرقى بەت نۇمۇرلىرى، ئارىسىغا سىزىقچە قويۇلۇپ، نەشرىيات ئىسمىدىن كېيىن يېزىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ فامىلىسى، ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىنىڭ رەت تەرتىۋىگە ئاساسەن تىزىلىدۇ. خىتتاي تىلى قاتارلىق چەتئەل تىللىرىدا يېزىلغان پايدىلانمىلارنى شۇ تىلنىڭ يېزىقى بىلەن ئەمەس، ئۇيغۇرچە تەلەپپۇز بىلەن ياكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بىلەن يېزىلىشى كېرەك.ئەگەر يازغۇچى چەتئەلچە پايدىلانمىلارنى ئورگىنال شەكلى بىلەن يېزىشنى خالىسا، ئۇيغۇرچە يېزىلىشىنىڭ داۋامىغا يالاڭ تىرناق ئىچىدە قوشۇپ قويسا بولىدۇ. مەسىلەن:
ئەھمىدى. ئابدۇكەرىم. (2001). “ ئۆتكۈر ئەپەندىمنى ئەسلەيمەن“. قەشقەر ئەدەبىياتى. 2.سان، 22-34- ب.
چېڭ. شىلىياڭ. (2007). ۋېيۋۇېريۈ يۈفا (ئۇيغۇرتىلى گراماتىكىسى): شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.
程适良(2007). 维吾尔语语法, 新疆人民出版社
سىمىس، جون ن. (2003). “ قاقاس توخۇ ، سەرگەردان ئىتلار ، ساختا ئۆلمەسلەر ۋە ئوغرىلار: ئاممىباب ئۇيغۇر ناخشىسىدىكى مۇستەملىكىچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىقنى ئىزدەش“. ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنى، نيۇ-يورك.
(SMİTH, Joanne N. (2003). “Barren Chickens, Stray Dogs, Fake Immortals and Thieves: Coloniser and Collaborator in Popular Uyghur Song and the Quest for National Unity”. Association for Asian Studies Annual Meeting, New York.)
ئىنايەت، ئالىمجان. (2007). ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە شېئىرلىرى، تۈرك تىلى ئىدارىسى نەشرىياتى
(İNAYET, Alimcan. (2007). Abdulhalık Uygur ve Şiirleri, Türk Dil Kurumu Yayınları)