• مەزكۇر كۇرس دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئوقۇۋاتقانلار، ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئاسپرانتلىرى ۋە دۇكتۇرلۇق پۈتتۈرگەن بولسىمۇ خەلقئارا دەرىجىلىك ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىشتا قىينىلىۋاتقان قېرىنداشلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ كۇرس رەقەمنى ئاساس قىلغان كەسىپلەر، بولۇپمۇ تەبىئىي پەن، سانائەت، تېخنىكا، ئۇچۇر ۋە مېدىسسىنا كەسىپلىرىگە ماس كېلىدۇ.
  • كۇرس ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى ئالىي مائارىپ بۆلۈمىدىن دوكتور تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللاھ تەرىپىدىن ئۆتۈلىدۇ. تۇردىمۇھەممەد 2019-يىلى خېمىيە ئېنژىنىرلىقىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بىرى بىئوماتىريال، پولىمېرلىق ماتىرياللار، توقۇلما ماتىرياللىرى ۋە ئۈچ ئۆلچەملىك بېسىش تېخنىكىسى…. قاتارلىق ساھەلەردە تەتقىقات خىزمىتى قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ ھازىر ئىزەل خېمىيە تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقات يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ، قوشۇمچە كوجائەلى ئونۋېرستىتىدا ماگىستىر-دوكتور ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس بېرىدۇ. دوكتور تۇردىمۇھەممەدنىڭ ئۆزى باش بولۇپ يازغان تۇنجى خەلقئارالىق ماقالىسى 2018-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، شۇندىن بىرى 20 دىن ئارتۇق خەلقئارا دەرىجىلىك ماقالىسى SCI/SCIE-indexed ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. 10 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا دەرىجىلىك كەسپىي يىغىنلارغا ماقالە تەييارلىغان ۋە لېكسىيە سۆزلىگەن. تۇردىمۇھەممەد يەنە ئۆز تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن جەمئىي 10 پارچە كەشپىياتىنى پاتنېت ئىلتىماسىغا سۇنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 8 ى ئامرىكا پاتنېت ئىشخانىسى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلانغان.

• بۇ تىمىدىكى مەزمۇنلارنى 5 قېتىملىق كۇرستا تۆگۈتۈش پىلانلانغان بولۇپ ، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىدۇ.
كۇرۇس مەزمۇنى:
1) ئىلمىي ماقالىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزمۇنلىرى
2) ھەر مەزمۇندا يېزىشقا تېگىشلىك نوقتىلار
3) ماقالە يېزىش ۋە ژورنالغا ئەۋەتشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەخلاق ئۆلچىمى
4) ماقالىنىڭ تېمىسى ۋە سۈپىتىگە ئاساسەن ئىلمىي ژۇرناللارنى تاللاش

  • ئىلمىي تەتقىقات ۋە ماقالە يېزىشتا ئۆزىنى يېتىلدۈرۈشنى خالايدىغان بارلىق ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىلمىي ماقالە يېزىشنى ئۆگەنمەكچى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۆۋەندىكى تېلېفۇن نۇمۇرى ياكى ئېلخەت ئادرىسىغا تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ تىزىملىتىپ قاتنىشىشىنى ۋە تەتقىقات ئۇسۇلى ھەققىدە مۇھىم مەلۇماتلارغا ئىگە بولىۋېلىشىغا تەكلىپ قىلىمىز
  • تىزىملىتىش ئۈچۈن كېرەكلىك ئۇچۇرلار:
    1) ئىسىم – فامىلە
    2) ئوقۇغان ياكى ئوقۇۋاتقان كەسپى
    3) ئوقۇغان ياكى ئوقۇۋاتقان مەكتىپى
    4) تېلىفۇن نۇمۇرى
    5) ئېلخەت ئادرىسى
    ☎️تىزىملاش تېلىفۇنى: 905434944907+
    ✉️ئېلخەت ئادرىسى: uakatip@gmail.com 📌ئەسكەرتىش: بۇ تىمىدىكى مەزمۇنلارنى 5 قېتىملىق كۇرستا تۈگۈتۈش پىلانلاندى. بۇ بىرنجى قېتىملىق كۇرس

🗓️ كۇرس ۋاقتى: 2024-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى (جۈمە) باشلىنىدۇ
📍 كۇرۇس ئۇلىنىشى تىزملاتقانلارغا ئايرىم ئەۋەتىلىدۇ

  • ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى