قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى قۇرۇلغىنىغا 3 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈنلەردە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزامنامىسىگە ئاساسەن، 2023-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى ۋىدىئولۇق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ 2-نۆۋەتلىك مۇدىرىنى سايلاپ چىقتى.
دېمۇگراتىك ۋە ئادىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ئىستانبۇل بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىغا مۇدىر بولۇپ سايلاندى. ئىنستىتۇت نىزامنامىسىغا ئاساسەن مۇدىر ئەڭ كۆپ بولغاندا ئارقا ئارقىدىن ئۇلاپ ئىككى نۆۋەت سايلامغا قاتنىشالايدۇ.
قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ مەزكۇر سايلىمىغا ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئاكادېمىيە باش تەپتىشى دوكتور مەمەت ئېمىن ۋە ئاكادېمىيە باش كاتىپى ئابدۇلخەمىد قاراخانلارمۇ كۈزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشتى. ئۇلار مەزكۇر كومىتېتنىڭ سابىق مۇدىرى دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ئىنستۇتنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيىتتى.
دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم ئۆزىنىڭ رەئىس نامىزاتلىق سۆزىدە، كەلگۈسى 3 يىلدا ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسۋەتلىك تەتقىقاتچىلار بىلەن يېقىندىن ئالاقە تورى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى، قۇتادغۇ بىلىگ ۋە بىلىم-كۈچ ژۇرناللىرىنى قەرەللىك نەشىر قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە چوڭ بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇدىغانلىقىمنى، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن رەقەملىك بىر مەدەنىيەت موزىيى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى، قۇتادغۇ بىلىگ تەتقىقات ۋە تەرجىمە بۆلۈمى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرۇشى ۋە دۆلەت باشقۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنى قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە كەلگۈسى قۇرۇلغۇسى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئىدىئولوگىيەلىك ئاساسىنى يېزىپ چىقىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سايلام ئاخىرىدا كۆپچىلىك دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنى يېڭى ۋەزىپىسى ئۈچۈن تەبرىكلىدى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى 3 يىلدا قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەشتى.
ئىلاۋە: قۇتادغۇ بىلىگنى مەركەز قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مائارىپى، ئەدەبىياتى، تارىخى، دىنى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى، فولكلورى، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ پەلسەپە، سىياسەت ۋە دۆلەتچىلىك تارىخىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە بۇ تارىخىي تەجرىبىلەر ئاساسىدا، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە يېقىن كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان دۆلەتنىڭ ئىھتىياجلىق بولغان ساھەلەر بويىچە يېڭى بىر ئەۋلاد ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.