مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكىغا بولغان قىزىقىشى ۋە ئۆرلەپ ئوقۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ھەم شۇنداقلا ئىلىم-پەن ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ قايتىدىن كۈچلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى «پەن – تېخنىكا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى» ھەققىدە سۆھبەت پىروگىراممىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا.
قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى تەبىئىي پەن بۆلۈمىنىڭ بۇ قېتىمقى «پەن – تېخنىكا ۋە كەلگۈسىمىز» ناملىق سۆھبەت پىروگىراممىسى مەخسۇس «ئالەم نۇرى مۇئونلار» غا ئايرىلغان بولۇپ، قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى تەبىئىي پەن بۆلۈمى بىلىم ھەيئىتى دوكتور مەخمۇتجان لىتىپ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.
سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى بۇ ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز: https://www.youtube.com/watch?v=dm9jcaMy0Vg&t=162s
رىياسەتچى: ئابدۇلھەمىد قاراخان (يادرو ئېنىرگىيە ئېنژېنېرى)
ۋاقتى: 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى يەكشەنبە ئىستانبۇل ۋاقتى كەچ سائەت 21:00