مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكىغا بولغان قىزىقىشى ۋە ئۆرلەپ ئوقۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ھەم شۇنداقلا ئىلىم-پەن ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ قايتىدىن كۈچلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى «پەن – تېخنىكا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى» ھەققىدە سۆھبەت پىروگىراممىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا.
بۇ قېتىمقى قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتىنىڭ «پەن – تېخنىكا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى» ناملىق سۆھبەت پىروگىراممىسى مەخسۇس «يادرو ئىلىمى ۋە ئاتوم بومبىسى» غا ئايرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى، ھەم شۇنداقلا يادرو ئېنىرگىيە ئىنژېنېرى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدى.
سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى بۇ ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز: https://www.youtube.com/watch?v=PtKGxTNtDDk&t=2773s
رىياسەتچى: مەمتىمىن ئاتامان (ماشىنسازلىق ئېنژېنېرى)
ۋاقتى: 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى يەكشەنبە ئىستانبۇل ۋاقتى كەچ سائەت 21:00