دوكتور قاھار بارات

ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 2021 – يىلى 4 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 – ﻛﯘﻧﻰ شەﺭقىي ﺗﯘﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭىيىتى مىللىي ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺳﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 76 – ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 1945 – ﻳﯩﻠﻰ 1 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5 – ﻛﯘﻧﻰ شەﺭقىي ﺗﯘﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭىيىتى ھۆكۈمەتنىڭ 4 – ﻳﯩﻐﯩﻦ خىتاﭘﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ 7- ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﺍ: “شەﺭقىي ﺗﯘﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ تېنچلىقىنى ﻗﻮﻏﺪﺍش ئۈچۈﻥ، ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ خەﻟﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ئېلىپ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﮪﻪﺭبىي ﻗﻮشۇﻥ تەشكىللەش” ﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ 1- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7- ﻛﯘﻧﻰ 5- ﻧﻮمۇرﻟﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍر ﻣﺎﻗﯘﻟﻼﭖ ﮪﻪﺭبىي ئىشلار ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗشنى ﺑﻪلگىلەپ ﭘﻪﺗﯩﺮ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﯞﯨﻚ ﺋﺎلىكساﻧﺪﺭﻭﯞﻧﻰ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﻨﻰ ﺗﻪشكىللەش، تۈﺭلۈﻙ ﮪﻪﺭبىي ئىشلار تۈزۈملىرىنى ﻻﻳﯩﮭﻪلەشكە مەسئۇﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ. 1 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 – ﻛﯘﻧﻰ ئېچىلغان ھۆكۈمەتنىڭ 6- ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﮪﻪﺭبىي ئىشلار ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪستىقلاپ ﺋﺎلىكساﻧﺪﺭﻭﯞﻧﻰ ﻧﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻘﻘﺎ (ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺭﻩﮪﯩﻤﺠﺎﻥ ﺳﺎﺑﯩﺮﮪﺎﺟﻰ 27- ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ، ﺯﯗﻧﯘﻥ ﺗﻪﻳﯩﭙﻮﯞ 13 – ﻣﺎﺭﺕ، ﺋﻪﮪﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﻣﺎﺭﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎخىرﻯ) ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﺪﻯ.

مىللىي ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﻧﯩﯔ شىتات، تۈزۈم، ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ، ﻛﯩﻴﯩﻢ-كېچەك شەﻛﻠﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ بېكىتىلدى.

ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺗﯘﯞﻩﻧﺪىكىدەك تۆﺕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ بۆلۈندى:
1. ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮفىتسىرﻟﻪﺭ: گېنىرال ﻣﺎﻳﻮﺭ، گېنىرال لېتنانت
2. ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮفىتسىرﻟﻪﺭ: ﻣﺎﻳﻮﺭ، ﭘﻮﺩﭘﻮﻟﻜﻮﯞﻧﯩﻚ، ﭘﻮﻟﻜﻮﯞﻧﯩﻚ
3. تۆﯞﻩﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮفىتسىرﻟﻪﺭ: ﭘﺮﺍﭘﻮﺭﺧﯩﻚ، ﭘﻮﺩﭘﻮﺭﯗﺩﻛﯩﻚ، ﭘﻮﺭﯗﺩﻛﯩﻚ، ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻥ
4. جەڭچىلەر: ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ، ﻳﻪﻓﺮﻩﻳﺘﻮﺭ، ﻣﯩﻼﺩشى ﺋﯘﻧﺘﻪﺭ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﻪﺭ، ﺳﺘﺎﺭشى ﺋﯘﻧﺘﻪﺭ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﻪﺭ، ﻓﻪﻟﺪ ﻓﻪﺑﻪﻝ

ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ئوفىتسىرلەرگىچە پاگۇن تاقاش، پاگۇننى ﻗﯩﺰﯨﻞ، يېشىل ﺭﻩختتىن تىكىش، ﺟﯩﻴﯩﻜﯩﻨﻰ كۆﻙ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ۋە ﺋﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ، ﭘﯩﻴﺎﺩﻩ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﻮپچى ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ شۇ پاگۇنلارﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪۈﺭۈش. ﻛﺎﻛﺎﺭﻧﻰ تۆمۈردە ﻳﺎﺳﺎش، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﻨﯩﯔ چەﻣﺒﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﮪﺎﯞﺍﺭﻩﯓ، ﻣﻪﺭكىزىگە ﻗﯩﺰﻏﯘچ سېرﯨﻖ ﺭﻩﯕﺪﻩ ھىلال ﺋﺎﻱ ﯞﻩ ﺑﻪش بۈﺭﺟﻪﻛﻠﯩﻚ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ سۈﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ئېلىش. ﮪﻪﺭبىي ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﯘﺭﻯ – تۆﯞﻩﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﯩﺰﯨﻖ ﯞﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯ – كۆﭘﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪۈرۈش ئارقىلىق بېكىتتى. ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ قوشۇننى تىزراق ﻗﯘﺭﯗﭖ چىقىش ئۈچۈن ﻳﺎﻧﯟﺍﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭلىرىدا ﺳﻮۋىت ئىتتىپاقىدىن ﺑﯩﺮ تۈركۈم ﮪﻪﺭبىي خاﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘچىلىققا ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﻮﺭﻏﺎﺳﺘﺎ 3 ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﻮفىتسىرلەر مەكتەپلىرىنى ﺋﺎچتى. ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪلەش ﻛﻮﺭﺳﺎﻧﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 450 ﻛﻪ يېتىپ، ﻗﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. كېيىن ﺋﯩﻴﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎخىرﯨﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻧﺪﺍﻳﺪﺍ 300 ﻛﻮﺭﺳﺎﻧﺘﺘﯩﻦ 3 ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻛﻮﺭﺱ ﺋﺎچتى.

24- فېۋرال ﻛﯘﻧﻰ شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى 25 – ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﺪﺍ ﺟﻪﯕﺪﻩ خىزﻣﻪﺕ كۆﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﺩۇﻥ ﯞﻩ مېداللار ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼش تۈزۈمى ﻣﺎﻗﯘﻟﻼﻧﺪﻯ.

ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﻼﺭ تۆۋەندىكىدەك:
«خەﻟﻖ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻧﻰ،
ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮىنچى،
ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ ئىككىنچى،
ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻟﯩﻴﻪﺕ ئۈچۈن كۆرەش بىرىنجى،
ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻟﯩﻴﻪﺕ ئۈچۈن كۆرەش ئىككىنچى»
ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯗﺭﯗﻟﺪﻯ.

ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﻨﯩﯔ بىرىنجى دەرىجىلىكلىرىنى ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪﯨﻦ، ئىككىنچى دەرىجىلىكلىرىنى كۆمۈشتىن ﻳﺎﺳﺎشنى ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

مېداللار: «ﺑﺎﮪﺎﺩﯨﺮﻟﯩﻖ»، «ﭘﯩﺪﺍئىي»، «ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺕ» ﺩﻩﭖ بۆلۈنۈپ كۆمۈشتىن ﻳﺎﺳﺎشنى بېكىتتى.

6- ﻣﺎﺭﺕ ﻛﯘﻧﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ مىللىي ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺑﺎش ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ شىتاﺑﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﺯﯗﻧﯘﻥ تېيىپوۋ ﮪﻪﺭبىي ئىشلار ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﺯﯨﺮﻯ، ﺋﯩﯟﺍﻥ ﻳﺎﻛﻮﯞﻟﯩﯟﯨﻚ ﭘﺎﻟﯩﻨﻮﯞ ﺑﺎش ﻗﯘﻣﺎﻧﺪﺍﻥ، ﯞﺍﺭﺳﺎﻧﻮﯞ مىكايلوۋىچ ﻣﺎﺯﮪﺎﺭﻭﯞ شىتاپ ﺑﺎشلىقى ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﺪﻯ.

شىتاﺏ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﺍ ﺗﯘﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ بۆلۈﻣﻠﻪﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ:
ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺳﻪﭖ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺕ بۆلۈﻣﻰ، باشلىقى: ﺭﯗﺳﯘﻟﻮﯞ ﭘﻪﮪﯩﺮﺩﯨﻦ خۇﺟﺎ
ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﻡ، ﻣﯘﺩﯨﺮى: ﺋﺎﺑﺪﯗكېرىم ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻮﯞ
ﮪﻪﺭبىي ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮪﻜﯩﻤﯩﺴﻰ، باشلىقى: غېنى ﺑﺎﺗﯘﺭ
ﮪﻪﺭﺑﻰ ﺗﻪپتىش ﻣﻪﮪﻜﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺑﺎش تەپتىش: ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺳﺎﺑﯩﺮ ﮪﺎﺟﻰ
رازۋىتكا باشقاﺭﻣﯩﺴﻰ
ﺋﻮپىرﺍﺗﯩﺴﻴﻪ ﺑﺎشقاﺭﻣﯩﺴﻰ
ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﺑﺎشقاﺭﻣﯩﺴﻰ
خۇﺟﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎشقاﺭﻣﯩﺴﻰ
ﮪﻪﺭبىي ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ بۆلۈمى
ﺗﻪﻟﯩﻢ-ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ بۆلۈمى
دىنىي ئىشلار بۆلۈمى

1945- ﻳﯩﻠﻰ 8- ﺋﺎپرېل يەكشەنبە كۈﻧﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﺋﻮﻥ ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ كىشى ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ مىللىي ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗلغانلىقىنى ﺗﻪنتەنە ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﺪﻯ ﯞﻩ «8 – ﺋﺎﭘﺮېل» ﻧﻰ «ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘش كۈﻧﻰ» ﺩﻩﭖ بېكىتتى. ﺋﯘ چاغدا مىللىي ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 15 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. جۇمھۇرىيەت ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺋﻪلىخان تۆﺭﻩ ﻣﺎﺭشاﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﺎﺭشاﻝ ﻓﻮﺭﻣﯩﺴﯩﻨﻰ كېيىپ ﻧﻮﺗﯘﻕ ﺳﻮﺯﻟﯩﺪﻯ ﯞﻩ مىللىي ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﮔﻪ «شەﺭقىي تۈﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ئۈچۈن ﺋﺎﻟﻐﺎ» ﺩﯨﮕﻪﻥ شۇئاﺭ يېزﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻱ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯘﻕ ﮪﻪﺭبىي ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﻪﺕ يېزىلغان ﺋﺎﻕ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. يېڭى ﻣﺎش ﺭﻩﯓ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ كېيىپ، پاﮔﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻗﯩﻐﺎﻥ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮ -جەڭچىلەر ﺭﻭﮪﻠﯘﻕ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﭘﺎﺭﺍﺗﺘﯩﻦ ئۆﺗﺘﻰ. ﭘﺎﺭﺍﺗﺘﺎ ﮪﻪﺭ خىل ﺯﻩﻣﺒﺮﻩﻙ، پىلاﻣﻴﻮﺕ، ﺗﺎنكا ﺋﺎﺗﺎﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎشقا، ﺋﻮﻟﺠﯩﻐﺎ چۈشكەن ﺑﯩﺮ ﻗﺎنچە ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﻼﻧﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ئۆتتى.

مىللىي ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺗﻮﯞﻩﻧﺪىكىدەك 7 ﭘﻮلىك ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻪشكىللەﻧﺪﻯ:
ﻏﯘﻟﺠﺎ ﭘﯩﻴﺎﺩﯨﻼﺭ 2 – ﭘﻮلىكى
ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺯﺍﭘﺎﺱ 4 – ﭘﻮلىكى
تىكەس ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ 1 – ﭘﻮلىكى
تىكەس ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ 2 – ﭘﻮلىكى
سۈيدۈڭ ﭘﯩﻴﺎﺩﯨﻼﺭ 1 – ﭘﻮلىكى
ﻛﻪﯕﺴﺎﻱ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ 3 – ﭘﻮلىكى
ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﺗﺎﺭﺍ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﭘﻮلىكى

ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎشقا 5 ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﺎﺗﺎلىيۇن بار ﺑﻮﻟﯘﭖ:
ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﺎﺗﺎﻟﻴﻮﻧﻰ
ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﺎﺗﺎﻟﻴﻮﻧﻰ
ﺯﻩﻣﺒﺮﻩكچىلەر ﺑﺎﺗﺎﻟﻴﻮﻧﻰ
ﻣﯘﮪﺎﭘﯩﺰﻩتچىلەر ﺑﺎﺗﺎﻟﻴﻮﻧﻰ
ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﺎﺗﺎﻟﻴﻮﻥ
ﺩﻩﭖ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺗﻪشكىللەﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ شىبە ﺋﯩﺴﻜﺎﺩﺭﻭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ.

مىللىي ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ سوۋىت ئىتتىپاقى ھەربىي سېستىمىسى ﺑﻮيىچە ﺗﻪشكىللىنىپ ﭘﯩﻴﺎﺩﻩ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ تۈزۈلۈشى ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ:

ﺑﯩﺮ ﭘﻮﻟﻜﺘﺎ 2500 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭمىقىدا ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﺗﺎﻟﻴﻮﻥ، ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺗﺎﻟﻴﻮﻧﺪﺍ ﺋﯘچ ﺭﻭﺗﺎ، ﺑﯩﺮ ﺭﻭﺗﺎﺩﺍ ﺋﯘچ ﯞﺯﯞﻭﺩ، ﺑﯩﺮ ﯞﺯﯞﻭﺩﺗﺎ ﺗﻮﺕ ﺋﻪﺗﺮﻩﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ تۈزۈلۈشى ﺑﺎشقا ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﭘﻮﻟﻜﺘﺎ 1000 ﺋﺎﺩﻩﻡ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭمىقىدا 4 ﺋﯩﺴﻜﺎﺩﺭﻭﻥ، 1 ﭘﯩﻠﯩﻤﻮﺗﻜﯩﻼﺭ ﺋﯩﺴﻜﺎﺩﺭﻭﻧﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﭘﻮﻟﻜﻼﺭﺩﺍ شىتاب، ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ باشقارما، ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺳﻪﭖ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﻰ باشقاﺭﻣﯩﺴﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﻮﻟﻜﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﭘﻮﻟﻚ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮﻯ، ﮪﻪﺭبىي ئىشلارﻏﺎ ﻣﻪسئۇﻝ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ، ﺳﯩﻴﺎسىي ئىشلاﺭﻏﺎ ﻣﻪسئۇﻝ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ، ﺩنىي ئىشلاﺭﻏﺎ ﻣﻪسئۇﻝ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.

ﺋﯩﻠﻰ ﯞﯨﻼيىتىدىن ﺑﺎشقا ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭۇﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺩﻩﻟﯩﻠﻘﺎﻥ ﺳﯘﻏﯘﺭﺑﺎيىۋ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻥ ﺋﻪترىتى (ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ)، ﻣﻮﻟﻼ ﺋﯩﺴﻼﻡ شاﯕﺰﯗﯓ (ﺟﯩﻤﯩﻨﻪﻱ)، خۇﺟﺎ ﺋﻪخمەﺕ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻥ ﺋﻪترىتى (ﺗﺎﺭﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻱ)، ﻣﺎﻳﻠﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻥ ﺋﻪترىتى (ﺗﻮﻟﻰ)، ﻗﺎﺯىخان ﻣﺎﻧﺎﭘﺒﺎيىۋ، ﺩﻩﻧﺴﻮﯞ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻥ ﺋﻪﺗﺮﻩتلىرى (شىخۇ، شاۋﮔﯘەﻥ)، ﻧﺎيخىل ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻥ ﺋﻪترىتى (ﺋﺎﻳﻐﯩﺮ ﺑﯘﻻﻕ)، ﻧﯩﻜﺘﯩﻦ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻥ ﺋﻪترىتى (ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ) ﯞﻩ ﺗﺎشقوﺭﻏﺎﻥ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻥ ﺋﻪﺗﺮﻩتلىرى ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﻪمىئىي 2500 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻥ ﺋﻪﺗﺮﻩتلىرى ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ.

ئىيۇﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭلىرىدا ﺑﺎش ﻗﯘﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ شىتاﺏ تۆﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ 3 ﺳﻪﭖ ﺑﻮيىچە ﺟﻪﯓ قىلىشنى ﭘﯩﻼﻧﻼﭖ ﮪﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﺎﺗﻼﻧﺪﻯ:

1. شىمالىي ﺳﻪﭖ ﺗﺎﺭﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻱ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ئېلىش. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ 9- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 20- كۈﻧﻰ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ئېلىنىپ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﭘﻮﻟﻜﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﺩﻩﻟﯩﻠﻘﺎﻥ ﺳﯘﮔﯘﺭﺑﺎيىۋ ﭘﻮﻟﻚ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮﻯ، ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺳﯩﻨﺒﺎيىۋ ﺳﯩﻴﺎسىي ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
2. ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺳﻪﭖ ﺟﯩﯔ ۋە شىخۇﻏﺎ ﮪﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ئۈرۈمچىنى ئېلىش. ﺋﯘﻻﺭ 9 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 – كۈﻧﻰ ﺳﻮﯞىت ئىتتىپاقىنىڭ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، مىللىي ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ شىخۇ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﯖﻨﻰ ﺗﻪﯕﻼ ﺋﺎﻟﺪﻯ.
3. ﺟﻪﻧﯘبىي ﺳﻪﭖ ﺑﺎﻱ ۋە ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﮪﯘﺟﯘﻡ قىلىش. ﺋﺎﺑﺪﯗكېرىم ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻮﯞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﺠﺎﻥ ﻗﻪمبىرى ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ باشلاپ 7- سىنتەﺑﯩﺮ كۈﻧﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ بېرىپ 12 كۈن سوقۇشۇپ، ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘپ يېنىپ ﻛﻪﻟﺪﻯ. 27 – ﺋﺎۋغۇﺳﺖ كۈﻧﻰ ﺗﺎشقوﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻼﺭ ﺗﺎشقوﺭﻏﺎﻧﻨﻰ ئېلىپ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ﭘﻮﻟﻜﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ﭘﻮﻟﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪشكىل ﻗﯩﻠﺪﻯ.

1945 – ﻳﯩﻠﻰ سىنتەﺑﯩﺮﻧﯩﯔ باشلىرىدا مىللىي ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻣﺎﻧﺎﺱ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ يېتىپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻗﻮشۇننىڭ ﺳﺎﻧﻰ 20 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ئۈرۈمچى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﺍﻥ 150 ﻛﯩﻠﻮﻣﯩﺘﯩﺮ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ چاﻏﺪﺍ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻨﯩﯔ ئۈرۈمچىدە ﺋﺎﺭﺍﻧﻼ 6 ﺑﺎﺗﺎﻟﻴﻮﻥ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، جۇ شىياۋلىياڭ جاﯓ ﻛﻪيشىگە 8 ﺳﺎﺋﻪﺕ ئىچىدە ﺋﺎﺭﻗﺎ-ﺋﺎﺭﻗﺎﺩﯨﻦ 3 قېتىم تېلىگىرامما ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. تېلىگىراممىدا: «ئىچكى ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﻪ ﻛﺎﺭﻏﺎ كېلىدىغان ﻗﻮشۇن ﻛﻪمچىل، ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﻪﺭگۈﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﮪﻪﺭبىي ﻗﻮشۇﻧﻤﯘ ﻳﻮﻕ… ئۈرۈمچى خەﯞﭖ ئىچىدە ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﭘﻪﻗﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﯞﻩ ﺩﻭﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪۈرۈش ئۈچۈن ﺩۆﻟﻪﺕ زىمىنى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﺎﻳﺎﺕ-ﻣﺎﻣﺎﺗﺘﺎ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، شۇ ﻳﻮﻟﺪﺍ ئۆﺯﻩﻣﻨﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﺎشقا چارە ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ… ﺋﺎلىيلىرﯨﻨﯩﯔ تىزﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﺎﻗﯩﻼﻧﻪ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ كۆرسىتىشىنى ﺳﻪمىمىي ئۆتۈنۈﻣﻪﻥ.» ﺩﯨﺪﻯ.

1944 – 1949 ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻼﺭ ﯞﻩ مىللىي ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ 50 قېتىم ﺟﻪﯓ ئېلىپ ﺑﺎﺭﺩﻯ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ئىچىدە 23 چوﯓ ﺟﻪﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ، خىتاﻱ قوشۇنلىرىنىڭ 10 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻣﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﻰ. 1946- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﻪﯞﯞﻩﻝ ﻣﯩﻠﻠﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺟﻪڭچى – ﺋﻮفىتسىرلىرﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 30 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. 1949 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎخىرلىرىدا مىللىي ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺩﻩ بىر گېنىرال – لېتنانت، ئىككى گېنىرال – ﻣﺎﻳﻮﺭ، 14 ﭘﻮﻟﻜﻮﯞﻧﯩﻚ، 19 ﭘﻮﺩﭘﻮﻟﻜﻮﯞﻧﯩﻚ، 35 ﻣﺎﻳﻮﺭ، 1200 ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ تۆﯞﻩﻥ ﺋﻮفىتسىرلەر ﺟﻪمىئىي 12700 ﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تورى