قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى تەبىئىي پەن بۆلۈمىدىكى 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەن-تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكىغا بولغان قىزىقىشى ۋە ئۆرلەپ ئوقۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ھەم شۇنداقلا ئىلىم-پەن ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ قايتىدىن كۈچلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە «پەن – تېخنىكا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى» ھەققىدە سۆھبەت پىروگىراممىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.
ئىنىستىتۇتىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبىتى مەخسۇس «نانو تېخنولوگىيەسى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى» غا ئايرىلغان بولۇپ، ئەنگلىيە ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكولتېتى تەتقىقاتچىسى، شۇنداقلا قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى تەبىئىي پەن بۆلۈمى بىلىم ھەيئىتى دوكتور قۇربانجان بارات ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.
سۆھبەتنى يوتىيۇب ئۇلانمىسىدىن كۆرۈڭ: https://www.youtube.com/watch?v=ZoqxcFRl7Us
سۆھبەت تېمىسى: «نانو تېخنولوگىيەسىنىڭ ئۇچۇر ئىلىمىدىكى بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى»
مېھمان: دوكتور قۇربانجان بارات
رىياسەتچى: ئابدۇلھەمىد قاراخان (يادرو ئېنىرگىيە ئېنژىنىرى)
سۆھبەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
كۈنىمىزدىكى نانو تېخنولوگىيەسى قانداق قوللىنىلىۋاتىدۇ؟ نانو تېخنولوگىيەسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىلىمىگە قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ ئۇچۇر ئىلىمى ساھەسىدە ماتېرىيال ئىلىمى دۇچ كەلگەن چەكلىمىلەر قايسىلار؟ بۇ چەكلىمىلەردىن ئۆتۈشنىڭ يوللىرى قايسى؟ نانو تېخنولوگىيەسى كەلگۈسى ئۇچۇر-ئالاقە ساھەسىدىكى يېڭى تېخنىكا ئىنقىلابىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ مەسىلەن: كۇۋانت كومپىيوتېرلىرى قاچان روياپقا چىقىدۇ؟
ۋاقتى: 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى يەكشەنبە كەچ سائەت 21:00 (ئىستانبۇل ۋاقتى)
ئالاقە ئۇچۇرلىرى:
0090-5059291945
kutadgubilig@akademiye.org
مەسئۇل ئورگان: قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى