قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى ئۆتكەن يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز بايرىمى كۈنىدە قۇرۇلدى. مەزكۇر ئىنستىتۇت تەركىبىدە تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى 50 دىن ئارتۇق پەن – تەتقىقاتچىلىرى ئالدىنقى ۋەزىپىلىرى سۈپىتىدە 2017-يىلىدىن بېرى ۋەتەندە نەشىر قىلىنىشتىن توختاپ قالغان «بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلىنى چەتئەلدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قارار قىلىشتى. بۇ خىزمەت ئارقىلىق ئانا تىلىمىزنى پەقەت ئائىلە، تاراتقۇ ۋە نەشرىياتلاردىلا قىسمەن قوللىنىپ قالماي، پەن – تېخنىكىدىمۇ ئىشلىتىىشنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھېلىھەم ئىلىم ساھەسىدە ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئىپادىلەش كۈچى كۈچلۈك ۋە پاساھەتلىك بىر تىل ئىكەنلىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە نامايەن قىلىش مەقسەد قىلىندى.

تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئايلارچە تېرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، مىللىتىمىز مۇھاجىرەت تارىخىدىكى ئەھمىيەتلىك بىر خىزمەت – «بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلىمىزنىڭ تۇنجى سانى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرىشىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دوكتور نامەتجان مەمەت ۋە ئابدۇلھەمىد قاراخانلارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، «بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ رۇياپقا چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ۋە كۈچ قوشقان پەن – تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن دوكتور مەمتىمىن ئابباس، دوكتور ئابلەت سەمەت، دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت، دوكتور مەمەت ئېمىن، دوكتور قەيسەر مىجىت ۋە دوكتورانت مىھراي ئوسمانلار بىلەن ژۇرنالنىڭ تەييارلىنىش ئارقا كۆرۈنىشى، يولۇققان قېيىنچىلىقلار ۋە چەتئەلدە نەشىر قىلىنغان «بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.

سۆھبەتنىڭ سىن ھۆججىتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: https://www.youtube.com/watch?v=Qyr_3pVQ03c

ۋاقتى: 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى يەكشەنبە سائەت 21:00 (ئىستانبۇل ۋاقتى)

مەسئۇل ئورگان: قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى