دوكتور نەبىجان تۇرسۇن
ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئۆلمەي، ئەگەر 1949-يىلى 9-ئايدا بېيجىڭغا بېرىپ، خىتاينىڭ يېڭى دۆلەت قۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى يىغىنىدا «بىز جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنىمىز»، دەپ ئېلان قىلغان بولسا ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى باشقىچە يېزىلغان بولار ئىدى. ئۇ چاغدا ئەخمەتجان قاسىمىغا بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ئەمەس، ئۇنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىكى سەپداشلىرى – يەنى جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇشقا قاتناشقان ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم، رەھىمجان سابىرھاجى، زىيا سەمەدى، زۇنۇن تېيىپوف ۋە باشقا ئونلىغان دوستلىرى، پىكىرداشلىرى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە كۈرەش قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىڭلىغان جەڭچى ئوفىتسېرلىرى، كادىرلىرى ۋە خەلقى، جۈملىدىن پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ۋە باشقىلار ئۇنى يۈكسەك مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت بىلەن سۆيمەي ھەم سېغىنماي، ئەكسىچە ئۆز مۇھەببەتلىرىگە پۇشايمان قىلغان بولار ئىدى ھەم ئەخمەتجان قاسىمى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇلۇپ كېتىلەتتى. ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم، زىيا سەمەدى، زۇنۇن تېيىپوف ۋە يۈزلىگەن كىشىلار شۇنىڭدەك بۈگۈنكى ھايات – ماماتقا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۇنى ئەسلىمىگەن بولار ئىدى.
ئەخمەتجان قاسىمى ئۇيغۇرلارنى يادرو قىلغان ئاخىرقى مۇستەقىل ھاكىمىيەت، 1944-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ ئاخىرقى ئالىي رەھبىرىدۇر. ئۇ، خەلق تەرىپىدىن «داھىيمىز»، «سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ۋە ئاتالغان ئەربابتۇر، تېخى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ئەخمەتجان قاسىمىدىن باشقا ھېچكىمنى «سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز» دەپ ئاتاپ ئېتىراپ قىلىپ باققىنى يوق. ئەمما، 1947-يىلى 25-فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدىكى 10 مىڭ خىتاي نامايىشچىسى «ئەخمەتجاننى ئۆلتۈرەيلى، يوقالسۇن ئەخمەتجان» دەپ شوئار توۋلاپ نامايىش قىلىپ ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز ئۆچمەنلىكىنى ئىپادە قىلغانىدى. بۈگۈنكى كۈندىكى قىسمەن ئۇيغۇر ۋە باشقىلاردىكى ئۇنىڭغا بولغان قىسمەن ئۆچمەنلىك ياكى ئەيىبلەش بىلەن ئاشۇ خىتاي ھەربىي – سىياسىي ۋە پۇقرالىرىنىڭ ئۆچمەنلىكى ئارىسىدا قانچىلىك پەرق باركىن، – تاڭ؟
ئۇيغۇر ۋە باشقا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قوزغىلىڭى ۋە ھىمايىسىدە قۇرۇلغان ھەم مەۋجۇت بولغان شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىپ ئۇنىڭ ھەر جەھەتتىن ياردىمى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت ئۆز دۆلەت بايرىقى، دۆلەت ئاپپاراتى، ئارمىيەسى، ئەدلىيە سىستېمىسى، مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتى، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت سىياسىي سىستېمىسى، سودا-ئىقتىسادىي سىستېمىسى قاتارلىق بارلىق مۇستەقىل دۆلەتچىلىك قۇرۇلمىسىغا ئىگە مۇستەقىل مىللىي ھۆكۈمەت ھەرگىز 1946-يىلى 6-ئايدا گومىنداڭچى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يوقىتىلمىدى. بۇ ھاكىمىيەت بەلكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا خەلق تەرىپىدىن «سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز» دەپ ئاتالغان ئەخمەتجان قاسىمى، ئالىي ھەربىي قوماندان ئىسھاقبېك مۇنۇنوف قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرىي يادروسىنىڭ «ئايروپىلان قازاسى» ناملىق ھازىرغىچە دۇنيانى قايىل قىلالمىغان سىرلىق كوللېكتىپ ئۆلۈمىدىن كېيىن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قوشۇنلىرى، «يەنى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى» نىڭ «پۈتۈن شىنجاڭ» نى ئىشغال قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇلدى ۋە بارلىق مۇستەقىل دۆلەتچىلىك قۇرۇلمىسى، دۆلەت ئاپپاراتلىرى بىكار قىلىندى، ئاي يۇلتۇزلۇق دۆلەت بايرىقى چەكلەندى، ئارمىيە ئۆزگەرتىلدى ۋە ئاخىرى بىكار قىلىندى.
باشتا «ئىشغالىيەت» (جەنلىڭ) دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن خىتاي كوممۇنىستلىرى كېيىن بىردىنلا بۇ جاينى «تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىش» دەپ ئاتىدى ھەمدە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنى «تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىش يولىدا قۇربان بولغان»، «يېڭى جۇڭگو قۇرۇش يولىدا قۇربان بولغان»، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلغان» دەپ تەشۋىق قىلىشقا كىرىشتى. خىتاي كومپارتىيەسى يەنە: مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ، خىتايدىن مۇستەقىل ياشىغان، ھېچ قانداق خىتاي دۆلەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ۋە ئارمىيەسىنى كىرگۈزمىگەن بۇ ھۆكۈمەت ۋە ئىنقىلابنى «جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ بىرقىسمى»، «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنى ھېچ قانداق مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق كۈرىشى قىلمىغان، «شىنجاڭنى جۇڭگونىڭ بىرقىسمى قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان، بۆلگۈنچىلەرگە قارشى كۈرەش قىلغان» ۋە ئاخىرىدا «يېڭى جۇڭگو قۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىش يولىدا قۇربان بولغان»، «كوممۇنىزم جەڭچىسى»، «ئۇنىڭ ئۆلۈمى پۈتۈن شىنجاڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە چوڭ يوقىتىش»، «شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىنىپ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى» دېگەندەك تۈرلۈك ئۆلچەملىك باھالارنى بېرىشتى.
بۇ خىل «ئېتىراپ قىلىش» ۋە تەشۋىقات شەكلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۈپ سىياسىي ئىستراتېگىيەسىدىن چىقىش قىلىنغانىدى. ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى دۇنيا دۆلەتلىرى ئېتىراپ قىلغان خىتاي جۇمھۇرىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىدا يېڭىدىن دۆلىتىنى قۇرغان ۋە پۈتۈن دۇنيادا تېخى ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمىگەن پەيتلىرىدە ماۋ زېدوڭ باشچىلىقىدىكى كوممۇنىست رەھبەرلىك قاتلىمى مەزكۇر ئىنسانىيەتنىڭ 19-20-ئەسىر تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئەڭ زور باشقا مىللەتلەر ۋە ھاكىمىيەت مەۋجۇت بولغان جايلارنى ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئۆلۈمىدىن كېيىن باشقا بىر ھەربىي كۈچلەر ۋە ھاكىمىيەتنىڭ قوراللىق، ھەربىي ئىشغال قىلىۋېلىش ۋەقەلىرىنىڭ بىرى بولغان «شىنجاڭنى ئىشغال قىلىش» ھەركىتىنى پۈتۈنلەي «تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىش» دېگەندەك باش لوزۇنكا ئاستىدا يۇقىرىقى بىر قاتار تەبىرلەر بىلەن ئۆزگەرتىپ چۈشەندۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ جاينى ئىشغال قىلمىغانلىقى، بۇ جاينىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىن ئەمەسلىكىنى خەلقئارالىق جەھەتتىن قانۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشتى. بۇ ھەم خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى»، «شىنجاڭ غەربىي خەن دەۋرىدىن تارتىپ جۇڭگونىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلگەن» دېگەن دەۋاسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. كومپارتىيە سىياسىيونلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر كومپارتىيە خۇددى گومىنداڭچىلاردەك ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنى باشتىلا «بۆلگۈنچى»، «خەنزۇلارنى قىرىشقا قاتناشقان ۋە يېتەكچىلىك قىلغان»، «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى»، «توپىلاڭ» دەپ ئاتىسا ئۇ چاغدا كومپارتىيە خەلقئارانىڭ ئالدىدا بۇ زېمىننى زورلۇق بىلەن ۋە ھەربىي كۈچ بىلەن بېسىۋالغان بولۇپ قالار ئىدى. يەنە يەرلىك خەلقلەرنىڭمۇ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىشى، بۇ جاي زىددىيەت ئوچىقى بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس، يەنى خىتاي تەرەپنىڭ تەشۋىقاتىغا ماس كەلمىگەن نۇقتا شۇكى، ئەگەر ئۇلار «شىنجاڭنى تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلسا» زور ساندىكى ھەربىي قوشۇن ئەۋەتمەسلىكى كېرەك ئىدى. مۇنداق غايەت زور ھەربىي كۈچ بىلەن ھەربىي قوشۇن بېسىپ كىرىشىنىڭ ئۆزى بۇ جاينىڭ «تىنچلىق بىلەن» ئەمەس، بەلكى ھەربىي كۈچ بىلەن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
1949-1950-يىلى ئارىسىدا تەختىمەن 100-120 (90 مىڭمۇ دېيىلىدۇ) مىڭ كىشىلىك كوممۇنىستلار قوشۇنى ۋە ئۇنىڭغا تەسلىم بولغان 80 مىڭ (نامدا 100 مىڭ دېيىلىدۇ) كىشىلىك گومىنداڭ قوشۇنلىرى بىرلىشىپ، پۈتۈن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىتاي مىللىتىدىن تۈزۈلگەن ۋە بۇ جاينى كونترول قىلغۇچى ئارمىيە 200 مىڭ ئەتراپىدا بولدى (پېڭ دېخۇئەي 190 مىڭدىن ئارتۇق دەيدۇ).
دېمەك، ئەخمەتجان قاسىمى مەسىلىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ياكى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ۋە ياكى خىتاينىڭ ئاتىشى بويىچە «يېڭى ئىگەللەنگەن زېمىن» – شىنجاڭنىڭ «بېسىۋېلىنغان زېمىن»، «مۇستەملىكە قىلىنغان كولونىيەلىك ۋە كولونىيەلىك سىياسەت يۈرگۈزۈلگەن زېمىن ياكى ئەمەسلىكى» گە چېتىشلىق مەسىلىدۇر. ئەخمەتجان قاسىمىنى ھەققىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتلىرى بويىچە باھا بېرىش ۋە شۇ ئۆلچەمنى قوللىنىش دەل «بۇ زېمىن خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى ۋە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنمىغان، خىتاي ئۆز زېمىنىنى تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلدى»، دېگەن خىتاينىڭ بۈگۈنكى دۆلەت زېمىن پۈتۈنلۈكى نەزەرىيەسى، يەنى ئۆزىنىڭ بۇ جاينى «مۇستەملىكە قىلمىغانلىقى»، بۇنىڭ «ئۆز زېمىنى»، «مۇستەملىكە» ئەمەسلىكى نەزەرىيەسى بىلەن پىكىرداشلىق ھېسابلىنىدۇ دەپ قاراش مۇمكىن.
ئەخمەتجان قاسىمى باھاسى مەسىلىسى خىتاينىڭ ئۆزىدىلا باشتىن ئاخىرى زىددىيەتلىك بولۇپ، ھۆكۈمەت كۆپ ئويلىشىش ئارقىلىق يۇقىرىقى باھا ئەندىزسىىنى بېكىتكەن. ئەمەلىيەتتە ئەخمەتجان قاسىمىغا يەنە ئايرىم باھا بار ۋە بۇ باھالار بۈگۈنكى ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقماقتا. خىتاي يېقىندا ئىشلەپ تارقاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تېررورىزم بىلەن قارىلاش تەشۋىقات فىلىمىدا تىلغا ئېلىنغان ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئۇنىڭ مەيدىسىدىكى مۇستەقىللىقنىڭ سىمۋولى بولغان «ئازادلىق ئوردېنى» ھەممىگە جاۋاب بەرمەكتە.
ئەخمەتجان قاسىمى سۆز نۇتۇقلىرى ۋە ماقاللىرىدا باشتىن ئاخىرى شەرقىي تۈركىستاننى «مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىن»، خىتاينى بولسا «مۇستەملىكىچى»، «مۇستەملىكە سىياسەت يۈرگۈزگۈچى»، خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنى بولسا «خىتاي مۇستەبىتلىرى» دەپ ئاتىغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان خەلق، «خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى» بولسا مۇستەملىكىچىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئەشەددىي مۇستەملىكىچى تەرىقىسىدە چۈشەندۈرگەن. لېكىن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سۆز نۇتۇقلىرىدىكى بۇ ئاتالغۇلار كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى كومپارتىيە دەۋرىدىكى نەشرلىرىدە چىقىرىلىپ تەھرىرلەپ ئېلان قىلىنغانىدى.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ۋە پۈتۈن ئۇيغۇرلار دىيارى – شىنجاڭنى ئىگىلىشى بۇ پۈتۈنلەي خەلقارا مۇناسىۋەت توقۇنۇشى ھازىرلىغان خەلقارالىق ئاتموسفېرا بىلەن باغلىنىشلىق ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ يول قويۇش، بېرىۋېتىش تەدبىرىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن غەرب ئارىسىدىكى توقۇنۇش ۋە رەقىبلىكنىڭ كۈچىيىشى غەربكە قارشى ئىتتىپاق ھاسىل قىلىش ئېھتىياجىغا ئىگە ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتى، «شىنجاڭ»، يەنى «شەرقىي تۈكرىستان سىياسىتى» نى ئۆزگەرتىشكە ئېلىپ كېلىپ، ئىچكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ جاينى ئىشغال قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم كۆرسىتىش، بۇ ئارقىلىق بۇ رايوندا غەرب قۇدرەتلىك دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىدىكى بىرەر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى توسۇپ، ئۆزىنىڭ ئارقا سېپىنى خاتىرجەم قىلىش، بۇ زېمىنىڭ خەلقارالىق ئۇرۇش، ياكى خەلقارالىق توقۇنۇش بازىسى بولۇشىدىن، قىسقىسى غەربنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش قاتارلىقلار ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئەنە شۇ خەلقارا مۇناسىۋەتلەر، جۈملىدىن ستالىننىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيەسدىكى ئۆزگىرىشلەر جەريانلىرى بىلەن باغلىنىپ قالدى. ئەگەردە خىتاي كومپارتىيەسى غەلىبە قىلالمىسا، ئىچكى ئۇرۇش يەنە داۋاملاشسا، غەربپەرەس خىتاي ھاكىمىيىتى داۋاملىق ھەرىكەت قىلسا، ستالىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەي، بەلكى ئاخىرىدا يەنىلا پۈتۈن رايوننى ئۆز تەسىرى ئاستىدىكى، يەنى سوۋېت تەسىرى ئاتىدىكى خۇددى موڭغۇلىيەدەك مۇستەقىل دۆلەت قىلىش يولىنى تۇتۇشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر، خەلقئارا جەھەتتىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ شىددەتلىك كۈچىيىشى ئاخىرى ستالىننىڭ ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستاننى ئەمەس، بەلكى ماۋ زېدوڭ باشچىلىقىدىكى غايەت زور كوممۇنىستىك كۈچنى تاللىشى، بۇ زور كومۇنىستىك دۆلەتنى ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا، غەربكە ۋە دېموكراتىك دۇنياغا قارشى ئىتتىپاقچىسى قىلىشقا ئېلىپ كەلدى. ئەلۋەتتە ستالىن ئۈچۈن ئاجىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى پايدىسىز ئىدى خالاس. چوڭ كۈچلەر ئارىسىدىكى ئۇيغۇر تەقدىرى ۋە ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ھەر قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەنە شۇنداق 1949-يىلى 8-10-ئايلاردىكى تراگەدىيەلەر بىلەن خۇلاسىلاندى، تامام.
ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنى ۋە مۇستەملىكە قىلىنغاندىن بۇيان بۈگۈنكىدەك خەلقئارالاشمىغان، بۈگۈنكىدەك دۇنيانىڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلىرى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقمىغان ۋە بىۋاسىتە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنى مەخسۇس «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نۇقتىسىدىن تۇرۇپ قاتتىق ئەيىبلىمىگەنىدى. ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ ھالقىلىق، ھايات-ماماتلىق باسقۇچىغا كىرگەندە بۇ مەسىلە دۇنياۋى مەسىلىگە رەسمىي ئايلاندى. ئۇنداقتا بۇ مەسىلە پەقەتلا «مىللىي قىرغىنچىلىق»، «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ياكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت مەسىلىسى» مۇ؟ ئەلۋەتتە خەلقئارا سىياسەت، خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەر، دۇنيا ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان دۇنياۋى تەرتىپ نۇقتىلىرىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئەنە شۇنداق رامكا ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ ۋە خەلقئارالىق نۇقتىدىن ھەل قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭ يانداشمىسى، يەنى مەسىلىنىڭ تۆگىنىمۇ ھەل قىلىنىش باسقۇچىغا كىرىدۇ.
ئۇنداقتا مەزكۇر «قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نىڭ تۈپ يىلتىزى نېمە؟ دېگەن مەسىلە ھەل قىلىنىشى كېرەك بولىدۇ. ئۇ دەل ئۇيغۇرلار ۋەتىنى، يەنى شەرقىي تۈركىستان ياكى شىنجاڭنىڭ بېسىۋېلىنغان، مۇستەملىكە قىلىنغانلىقى، بۇ زېمىندىكى ئاساسلىق مىللەت – ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي جەھەتتىن بۇ زېمىننىڭ قەدىمى دەۋرلەردىن داۋاملاشقان ئىگىلىرى، يەنى ئۆز تۇپراقلىرىغا ئىگە «ئىندەگوئۇنۇس» (يەرلىك) خەلق ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئېتنىك جەھەتتىن يوقىتىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرقى ھاكىمىيەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھوقۇقلىرى بارلىقى مەسىلىسىدۇر. ئەگەر ئەخمەتجان قاسىمىدىن ئىبارەت ئاشۇ ئالىي رەھبەر ۋە ئۇنىڭ كابىنېتى بېيجىڭغا ۋەكىل بولۇپ بېرىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ ئۇنىڭ رەھبەرلىكىنى شەرتسىز، تەلەپسىز ئېتىراپ قىلغان بولسا، ھەتتا خىتاي كومۇنستلىرى ۋەدە قىلىپ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە فېدېراتسىيەلىك ھوقۇق رامكىسى ئاستىدا مەسلىنى ھەل قىلىش تەلىپىنمۇ قويماي، ئۇنىڭ بىر يەرلىك ئەمەلدارىغا ئايلانغان بولسا، بۇ ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي دەۋاسىغا تەتۈر تاناسىپ بولاتتى. بۇ خىل، بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ بىراقلا ئۆلۈشىدىن كېيىن بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ھەم ئۇنىڭ تېررىتورىيەلىرىنىڭ ھەربىي كۈچ بىلەن ئىگىلىۋېلىنىشى تارىختا بولغان كەم ئۇچرايدىغان ھادىسە ئىدى.