ئالدى بىلەن ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ نورۇز بايرىمى قۇتلۇق بولسۇن!
نورۇز – يېڭى يىلدا يېڭى قوياشنىڭ نۇرىدا ھاياتلىقنىڭ يېڭىدىن جانلىنىشى ۋە يېڭى ئۈمىدلەرنىڭ تۇغۇلۇشى دىمەكتۇر.
ئۇيغۇر مىللىتى تارىخنىڭ ئەڭ زۇلمەتلىك كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇ زۇلمەتلىك قارا تۈنلەرنى بىر توپ شام نۇرلىرى بىلەن يۇرۇتۇپ قاراڭغۇ زۇلمەتتىن قۇتۇلۇشقا ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىشكە مىللەت سۈپىتىدە ھىچ ئۈمىدىمىزنى يوقاتمىدۇق.
2020-يىلى 21-مارتتىكى بۇ قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە، ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا يېڭىدىن تىرىلىش ئۈمىدى بېغىشلاش ۋە مىللەت ئالدىدا زىيالىيلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش مەقسىتىدە، تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان 47 نەپەر ئۇيغۇر، تۈرك ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىنىڭ باش قوشىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە «قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى» قۇرۇلدى.
مەزكۇر ئىنستىتۇتىنىڭ تەبىئىي پەن بۆلۈمىمۇ تەشكىللەنگەن بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە 31 تەتقىقاتچى ۋەزىپە ئالدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى 2020-يىلى 19-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نىزامنامىسىنىڭ 3-ماددا (3) تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى قۇرۇشنى قارار قىلغان ئىدى. ئاكادېمىيىنىڭ رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەندى.
قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى بەلگىلىمىسىنىڭ 2-بۆلۈم 5-ماددىسىدا ئىنستىتۇتنىڭ مەقسىتى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ مەقسىتى
قۇتادغۇ بىلىگنى مەركەز قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مائارىپى، ئەدەبىياتى، تارىخى، دىنى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى، فولكلورى، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ پەلسەپە، سىياسەت ۋە دۆلەتچىلىك تارىخىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە بۇ تارىخىي تەجرىبىلەر ئاساسىدا، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە يېقىن كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان دۆلەتنىڭ ئىھتىياجلىق بولغان ساھەلەر بويىچە يېڭى بىر ئەۋلات ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.
دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى
دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى – مۇدىرنىڭ تەۋسىيىسى ۋە رەئىسنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئاكادېمىيە ئەزالىرى ئارىسىدىن تەيىنلەنگەن تۆت كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا يەتتە كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. دائىمىي ھەيئەتنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇپ، مۇددىتى توشقان ئەزا قايتىدىن تەيىنلەنسە بولىدۇ. مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئايرىلغانلارنىڭ ئورنىغا قالغان مۇددەتنى تاماملاش ئۈچۈن يېڭى ئەزا تەيىنلىنىدۇ.
(2) دائىمىي ھەيئەت، مۇدىرنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئايدا ئەڭ ئاز بىر قېتىم يىغىلىدۇ. مۇدىر زۆرۈر تاپقاندا دائىمىي ھەيئەتنى يىغىنغا چاقىرالايدۇ.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا ئاساسەن قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى دائىمىي ھەيئەتلىرى ۋە ھەيئەت ئەزالىرى تۆۋەندىكىدەك تەشكىللەندى:
ئىنستىتۇت يىتەكچىلىرى: پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ۋە دوكتور رىشات ئابباس
ئىنستىتۇت تەشكىلىي ئىشلار مەسئۇلى: ئابدۇلھەمىد قاراخان
ئىنستىتۇت دائىمىي ھەيئەتلىرى:
دوكتور ئابلەت سەمەت (مۇدىر، تۈركولوگ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى)
دوكتور مەغپىرەت كامال يۇنۇسئوغلى (مۇئاۋىن مۇدىر، تۈركولوگ)
دوتسېنت دوكتور راھىلە قەشقەرلى (باش كاتىب، تۈركولوگ)
دوكتور مەمتىمىن ئابباس (فىزىكا)
دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت (ئۇچۇر ئىلىمى)
دوكتور قۇربان بارات (فىزىكا)
دوكتور نامەتجان مەمەت (سەھىيە بىلىملىرى)
دوكتورانت مىھراي ئوسمان (تۈركولوگىيە، ئىنستىتۇت كاتبى)
تەبىئىي پەن بۆلۈمى:
قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى بىلىم – كۈچ ژۇرنىلى تەھرىر ھەيئەت كومىتېتى
پەخىرى باش مۇھەررىرلەر: دوكتور رىشات ئابباس ۋە دوكتور ئەركىن سىدىق
باش مۇھەررىر: دوكتور مەمەتئىمىن ئابباس (فىزىكا، فرانسىيە)
مەسئۇل مۇھەررىر: دوكتور نامەتجان مەمەت (ساغلاملىق بىلىملىرى، تۈركىيە)
كەسپى مۇھەررىرلەر:
ساغلاملىق ۋە تىبابەت
مەسئۇل مۇھەررىر: دوكتور مەمەت ئېمىن (ئامېرىكا)
ئۇچۇر ئىلمى
مەسئۇل مۇھەررىر: دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت (شىۋىتسارىيە)
ماتېماتىكا
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل مەمەت (گېرمانىيە)
فىزىكا
مەسئۇل مۇھەررىر: دوكتور بارات ئاچىنۇق (ئەنگلىيە)
خىمىيە
مەسئۇل مۇھەررىر: دوكتور ئىلياس قاسىم (ئاۋسترالىيە)
ئىنژېنېرلىق
مەسئۇل مۇھەررىر: دوكتور تۇرسۇنجان ياسىن (ئامېرىكا)
ئىقتىساد
مەسئۇل مۇھەررىر: دوكتور قەيسەر مىجىت (ئامېرىكا)
گېئولوگىيە
مەسئۇل مۇھەررىر: دوكتور ئوبۇلقاسىم ئىمىن (كانادا)
مۇھەررىرلەر:
دوكتو ئابلەت سەمەت (گېرمانىيە)
دوكتورانت ئۇيغۇرىيە ئالپ (ئەنگلىيە)
دوكتورانت مىھرىئاي ئوسمان (تۈركىيە)
گۈزەل-سەنئەت لايىھەلىگۈچى، بەتچىك: دوكتور بارات ئاچىنۇق
نەشىر مەسئۇلى: ئابدۇلھەمىد قاراخان (تۈركىيە)
كاتىپ: مىھرىئاي ئوسمان (تۈركىيە)
بىلىم – كۈچ تور بېتى: دوكتور بارات ئاچىنۇق، مۇھەممەدئەلى نىياز (گېرمانىيە)
بىلىم ھەيئىتى
ئىنستىتۇت بىلىم ھەيئەتلىرى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان شەرقىي تۈركىستانلىق ياكى چەتئەللىك تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدىن مۇدىرنىڭ تەكلىپى ۋە رەئىسنىڭ تەستىقلىشىدا ئۈچ يىللىق مۇددەت بىلەن تەيىنلىنىدۇ. بىلىم ھەيئىتى ئەڭ كۆپ بولغاندا 55 ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ. مۇددىتى توشقان ئەزالار قايتىدىن تەيىنلەنسە بولىدۇ. ئىنستىتۇت باش مەسلىھەتچىسى بىلىم ھەيئىتىگە رەئىسلىك قىلىدۇ.
بىلىم ھەيئىتى، نورمال ئەھۋالدا يىلدا بىر قېتىم يىغىلىدۇ. زۆرۈر تېپىلغان پەۋقۇلئاددە ھالەتتە مۇدىرنىڭ چاقىرىقى بىلەن يىغىلىدۇ.
ئىنستىتۇت ئىجتىمائىي پەن بىلىم ھەيئەتلىرى (49 كىشى):
تۈركىيە:
پىروفېسسور دوكتور ۋارىس چاقان (تارىخ، تۈركىيە)
دوتسېنت دوكتور ئەخمەت قارامان (تۈركولوگ، تۈركىيە)
دوتسېنت دوكتور نەشە ھاربالالىئوغلۇ (تۈركولوگ، تۈركىيە)
دوكتور شەۋكەت ناسىر (مېدىيا ۋە ئالاقە، تۈركىيە)
دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى (تۈركولوگ، تۈركىيە)
دوكتور مەمتىمىن بەكتۆمۈر (مېدىيا ۋە ئالاقە، تۈركىيە)
دوكتور تۇردى مەتتۇرسۇن (تۈركولوگىيە)
ئامېرىكا:
پىروفېسسور دوكتور ئەسەت سۇلايمان (تۈركولوگ)
پىروفېسسور دوكتور ماھىرە ياقۇپ (تىلشۇناسلىق)
دوكتور نەبىجان تۇرسۇن (ئالىي مۇھەررىر، تارىخشۇناس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى)
دوكتور قاھار بارات (تۈركولوگىيە)
دوكتور گۈلنار ئەزىز (ئىنسانشۇناسلىق)
دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا (ئىنسانشۇناسلىق)
دوكتور نۇرنىسا قۇربان (مائارىپشۇناسلىق)
دوكتور گۈلنىسا نازاروۋا (تىلشۇناسلىق)
دوكتور مۇتەللىپ ئەنۋەر (ئىنگىلىزتىلى ئەدەبىياتى)
دوكتور دىلارا ئىسراپىل (تۈركولوگىيە)
كانادا:
دوكتور ئاينۇر قادىر (كانادا)
دوكتور دىلمۇرات مەخمۇت (جەمىئىيەتشۇناس)
ياۋرۇپا:
دوكتور ئايسىما مىرسۇلتان (تۈركولوگ، گىرمانىيە)
دوكتور ئەنۋەر سەمەت (تۈركولوگ، بىلگىيە)
دوكتور ئابلىمىت باقى (تۈركولوگ، ئەنگىلىيە)
دوكتور رۇنى سىتىنبېرگ (ئىنسانشۇناسلىق، دانىيە)
ياپۇنىيە:
دوكتور مۇختەر ئورخۇن (تۈركولوگ، ياپۇنىيە)
ئاۋىسترالىيە
دوكتور مەمتىمىن ئەلا (پەلسەپە، ئاۋىسترالىيە)
ئوتتۇرا ئاسىيا:
پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان تىلىۋالدى (ئۇيغۇرشۇناسلىق، قازاقىستان)
پىروفېسسور دوكتور ئابلەت كامالوۋ (تارىخ، قازاقىستان)
پىروفېسسور دوكتور ۋالەرى ماھپىروۋ (تىلشۇناس، قازاقىستان)
دوتسېنت دوكتور دىلنۇر قاسىموۋا (تىلشۇناس، قازاقىستان)
دوتسېنت دوكتور رۇسلان ئارزىيەۋ (ئۇيغۇرشۇناسلىق، قازاقىستان)
دوتسېنت دوكتور رەخمەتجان يۈسۈپوۋ (ئۇيغۇرشۇناسلىق ، قازاقىستان)
پىروفېسسور دوكتور سەيپۇللاھ ئابدۇللايېۋ (ئۇيغۇرشۇناسلىق، قىرغىزىستان)
دوتسېنت دوكتور ئەكبەرجان باۋۇدۇن (ئۇيغۇرشۇناسلىق، قىرغىزىستان)
ئىنستىتۇتنىڭ ئىجتىمائىي پەن ياش تەتقىقاتچىلىرى
نۇرەددىن ئىزباسار (تارىخ دوكتورانتى، تۈركىيە)
رازىيە مەمەتتۇرسۇن (دىنشۇناسلىق دوكتورانتى، تۈركىيە)
ياسىن تۇرسۇن ئۇلتاش (تۈركولوگىيە ماگىستىرى، تۈركىيە)
ئايشەمگۈل ئىمىر (تۈركولوگىيە دوكتورانتى، تۈركىيە)
ئالىم ئىمام (تۈركولوگىيە دوكتورانتى، تۈركىيە)
سۈمەييە ھاجى (تۈركولوگىيە دوكتورانتى، تۈركىيە)
مۇستاپا ئاقسۇ (تىلشۇناسلىق دوكتورانتى، ئامېرىكا)
فارۇق تاران (تارىخ تەتقىقاتچىسى، ئامېرىكا)
قۇربانجان نىياز (ئۇيغۇر تارىخى، ئامېرىكا)
زۇلھايات ئۆتكۈر (تۈركولوگىيە تەتقىقاتچىسى، شىۋىتسىيە)
ئۆمەرجان جامال (تارىخ تەتقىقاتچىسى، شىۋىتسىيە)
قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى تەبىئىي پەن بۆلۈمى (31 تەتقىقاتچى)
دائىمىي ھەيئەتلەر:
دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت (ئۇچۇر ئىلىمى، ياۋرۇپا)
دوكتور مەمتىمىن ئابباس (فىزىكا، ياۋرۇپا)
دوكتور ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز (كومپىيوتېر، ياۋرۇپا)
دوكتور مەمەت ئېمىن (تىبابەت، ئامېرىكا)
دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر (تىبابەت، ئامېرىكا)
دوكتور ئىلھامجان سابىت (سەھىيە، ئاۋىسترالىيە)
دوكتور ئىلياس قاسىم (خېمىيە، ئاۋىسترالىيە)
دوكتور مەمەتجان ياسىن (بىئولوگىيە، كانادا)
دوكتور مەخمۇتجان لىتىپ (فىزىكا، تۈركىيە)
قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى بىلىم – كۈچ ژۇرنىلى تەھرىر ھەيئەت كومىتېتى
پەخىرى باش مۇھەررىرلەر: دوكتور رىشات ئابباس ۋە دوكتور ئەركىن سىدىق
باش مۇھەررىر: دوكتور مۇھەممەت ئىبراھىم (خېمىيە، ئامېرىكا)
باش كاتىب: دوكتور نامەتجان مەمەت (ساغلاملىق بىلىملىرى، تۈركىيە)
مەسئۇل مۇھەررىرلەر:
ساغلاملىق ۋە تىبابەت: دوكتور مەمەت ئىمىن
ئۇچۇر ئىلىمى: دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت
فىزىكا: دوكتور مەمەتئىمىن ئابباس
ماتىماتىكا: ئادىل مەمەت
ئىنژىنىرلىق: دوكتور تۇرسۇنجان ياسىن
ئىقتىساد: قەيسەر مىجىت
ژۇرنال ئىملا تەھرىرى: رازىيە مەمەت
قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى تەبىئىي پەن بۆلۈمى بىلىم ھەيئەتلىرى
ياۋرۇپا:
دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت (فىزىكا، شىۋىتسارىيە)
دوكتور مەمتىمىن ئابباس (فىزىكا، فىرانسىيە)
دوكتور ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز (كومپىيوتېر، فىرانسىيە)
دوكتور قۇربانجان بارات (فىزىكا، ئەنگىلىيە)
دوكتور ئەيساجان ئابىدىن (ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، بىلگىيە)
ئامېرىكا:
دوكتور رىشات ئابباس (دورا تەتقىقاتى)
دوكتور ئەركىن سىدىق (فىزىكا)
دوكتور ئەركىن ئابلىز (مال دوختورلۇقى)
دوكتور پەيزۇللاھ زەيدۇن (مۇھىت)
دوكتور مۇھەممەت ئابلا (كومپىيوتېر)
دوكتور ئاينۇر ئابدۇرازىق (كومپىيوتېر)
دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر (تىبابەت)
دوكتور مەمەت ئىمىن (تىبابەت)
دوكتور تۇرسۇنجان ياسىن (ئېلىكتىر ئېنژىنىرلىقى)
دوكتور مۇھەممەت ئىبراھىم (خېمىيە)
دوكتور ئەلقەم تۇرسۇن (مېدىتسىنا ۋە ئۇيغۇر تىبابىتى)
دوكتور توختى ئەمەت (بىئولوگىيە)
دوكتور مۇھەممەت رەپىق (فىزىكا)
دوكتور ماھىر مەمتىمىن (فىزىكا)
دوكتور تۇرسۇنجان ئابلېكىم (فىزىكا)
دوكتور ئۇبۇلقاسىم ئىمىن (گىئولوگىيە)
دوكتور قەيسەر مىجىت (پۇل – مۇئامىلە كەسپى ماگېستىرى، ئامېرىكا)
كانادا:
دوكتور ئەسقەر ھىمىت (بىئولوگىيە)
دوكتور مەمەتجان ياسىن (بىئولوگىيەلىك ئۇچۇر تېخنىكىسى)
دوكتور ئابلېكىم مۇتەللىپ (ماتېرىيال ئىلىمى)
دوكتور رازىيە مەخمۇت (بىئولوگىيە)
دوكتور مەمەتجان قۇربان (تىبابەت)
ياپۇنىيە:
دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراھمان (فىزىكا)
دوكتور ئابدۇرېھىم رەجەپ (خېمىيە)
تۈركىيە:
دوكتور مۇھەببەت كامال (بىئولوگىيە)
دوتسېنت دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيول (ئىقتىساد)
دوكتور نامەتجان مەمەت (خەلق ساغلاملىقى تەتقىقاتچىسى)
دوكتور مەخمۇتجان لىتىپ (فىزىكا، تۈركىيە)
دوكتور مەغپىرەت ئابدۇۋەلى (ئۇيغۇر تىبابىتى تەتقىقاتچىسى)
دوكتور غۇلام غېنى (ئۇيغۇر تىبابىتى تەتقىقاتچىسى)
دوكتور ئابلەت تۇران (يۈرەك كېسەللىكلىرى دوختورى)
ئاۋىسترالىيە:
دوكتور ئىلھامجان سابىت (سەھىيە)
دوكتور ئىلياس قاسىم (خېمىيە)
ئىنىستىتۇت تەبىئىي پەن ياش تەتقىقاتچىلىرى:
مۇھەممەت بۇغرا (ئىقتىساد ماگېستىرى، ئامېرىكا)
ئابدۇلھەمىد قاراخان (يادرو ئېنىرگىيە كەسپى ماگېستىرى، تۈركىيە)
ئەكبەرجان دەۋران (كومپىيوتېر دوكتورانتى، تۈركىيە)
مەمتىمىن ئاتامان (ماشىنسازلىق كەسپى ماگېستىرى، تۈركىيە)
دىلمۇرات ئابدۇقېييۇم (كومپىيوتىر مۇتەخەسسىسى، تۈركىيە)
ئەنۋەر ئەخمەت (كومپىيوتېر كەسپى ماگېستىرى، تۈركىيە)
مۇھەممەتئېلى نىياز (كومپىيوتېر مۇتەخەسسىسى، گىرمانىيە)
ئادىل مەمەت (ماشىنسازلىق، گىرمانىيە)
رازىيە مەمەت (فىزىكا-خېمىيە كەسپى ماگېستىرى، ئىتالىيە)
ئۇتۇق ئابلېكىم (فىزىكا دوكتورانتى، ئامېرىكا)
غەيرەت توختى كەنجى (كومپىيوتېر، ياپۇنىيە)
قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى نىزامنامىسى
بىرىنچى بۆلۈم: مەقسەت، دائىرە، ئاساس ۋە ئاتالغۇلار
مەقسەت
ماددا 1–(1) بۇ بەلگىلىمىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ مەقسەتلىرىگە، باشقۇرۇش ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپە ھەم پائالىيەتلىرىگە، ئىنستىتۇت خىزمەت تۈرىگە ئالاقىدار ئۇسۇل ۋە ئاساسلارنى تۈزۈشتۇر.
دائىرە
ماددا 2-(1) بۇ بەلگىلىمە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ مەقسەتلىرىگە، باشقۇرۇش ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپە ھەم پائالىيەتلىرىگە، ئىنستىتۇت خىزمەت تۈرىگە ئالاقىدار ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاساس
ماددا 3-(1) بۇ بەلگىلىمە 1981-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى 2547-نومۇرلۇق تۈركىيە ئالىي مائارىپ قانۇنىنىڭ 7-ماددا بىرىنچى پاراگراف (d) تارماق (2) نومۇرلۇق كىچىك تارمىقى بىلەن 14-ماددىسىغا ئاساسەن تۈزۈلدى.
ئاتالغۇلار
ماددا 4-(1) بۇ بەلگىلىمىدە يېزىلغان:
رەئىس: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسىنى،
بىلىم ھەيئىتى: قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ بىلىم ھەيئىتىنى،
ئىنستىتۇت: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنى،
مۇدىر: قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرىنى،
ئاكادېمىيە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنى،
ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئەت: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتىنى،
دائىمىي ھەيئەت: قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىككىنچى بۆلۈم
قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭمەقسىتى ۋە ئىلمىي ئاساسىي ۋە پائالىيەت دائىرىسى
قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭمەقسىتى
قۇتادغۇ بىلىگنى مەركەز قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مائارىپى، ئەدەبىياتى، تارىخى، دىنى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى، فولكلورى، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ پەلسەپە، سىياسەت ۋە دۆلەتچىلىك تارىخىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە بۇ تارىخىي تەجرىبىلەر ئاساسىدا، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە يېقىن كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان دۆلەتنىڭ ئىھتىياجلىق بولغان ساھەلەر بويىچە يېڭى بىر ئەۋلات ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.
قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي ئاساسى
ماددا 6-(1) ئىنستىتۇتنىڭ تەتقىقات ئوبېكتى قۇتادغۇ بىلىگتۇر. مۇتەپەككۈر شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ قۇتادغۇ بىلىگ ناملىق ئەسەرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىڭلارچە يىللىق سىياسەت تەجرىبىلىرىنى ۋە دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم بىر ئەسەردۇر. بۇ ئەسەرنى مەركەز قىلغان ھالدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش كەلگۈسىدە قۇرۇلغۇسى دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت مېخانىزمىنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەشتە، شۇنداقلا ياشلارنى جەمئىيەت ئېھتىياجى بويىچە پىلانلىق ۋە نوقتىلىق ھالدا تەربىيەلەشتە ئىنتايىن مۇھىم. قۇتادغۇ بىلىگ تەتقىقات ئىنستىتۇتى تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ۋە چەتئەللىك ئاكادېمىك ۋە تەتقىقاتچىلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ بۇ ئەسەرنى مەركەز قىلغان بىر يۈرۇش تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ.
قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ پائالىيەت دائىرىسى
ماددا 7-(1) ئىنستىتۇت 5-ماددىدا كۆرسەتكەن مەقسەتكە ئاساسەن تۆۋەندىكى پائالىيەتلەرنى قىلىدۇ:
1) ئىنستىتۇت مەقسىتىدە بېكىتىلگەن ئالاقىدار ساھەلەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە ۋۇجۇتقا چىققان ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئىنگلىزچە ۋە باشقا تىللاردا نەشىر قىلىش،
2) خەلقئارالىق سۈپەتتە لېكسىيە، مۇھاكىمە يىغىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش،
3) ئىنستىتۇتنىڭ مەقسەتلىرىگە ئاساسەن ھەرخىل كۇرس ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش،
4) ئىنستىتۇتنىڭ تارمىقىدا خىزمەت بۆلۈملىرى قۇرۇش، تەتقىقات لايىھەلىرىنى تۈزۈپ ئىجرا قىلىش،
5) تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئىلمىي ژورنال چىقىرىش،
6) ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئاكادېمىك تەتقىقات ھەمكارلىقى ئورنىتىش.
ئۈچىنچى بۆلۈم
ئىنستىتۇتنىڭباشقۇرۇش ئورگانلىرى ۋە ۋەزىپىلىرى
ماددا 8-(1) ئىنستىتۇتنىڭ باشقۇرۇش ئورگانلىرى تۆۋەندىكىدەك:
مۇدىر
دائىمىي ھەيئەت
بىلىم ھەيئىتى
مۇدىر
ماددا 9-(1) مۇدىر؛ رەئىسنىڭ تەكلىپى، ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئەت كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىدا دائىمىي ھەيئەتتىكى ئەسلىي ئەزالاردىن ۋە ئالاھىدە زۆرۈر تېپىلغاندا ئاكادېمىيە ئەزالىرى ئىچىدىن ئۈچ يىللىق مۇددەت بىلەن تەيىنلىنىدۇ. مۇددىتى توشقان مۇدىرنى ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن قايتىدىن تەيىنلەشكە بولىدۇ. مۇدىرغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن، دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىدىن بىرى مۇدىرنىڭ تەكلىپى ۋە ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئەت كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مۇئاۋىن مۇدىر بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. مۇئاۋىن مۇدىرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىمۇ ئوخشاشلا ئۈچ يىل بولىدۇ. مۇدىرنىڭ ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقاندا، مۇئاۋىن مۇدىرنىڭ ۋەزىپىسىمۇ ئۆزلىكىدىن ئاخىرلىشىدۇ. مۇدىر بولمىغان ئەھۋاللاردا مۇئاۋىن مۇدىر مۇدىرغا ۋاكالەتچى بولىدۇ. مۇدىر ئۈزلۈكسىز ئالتە ئاي ۋەزىپە ئۆتەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا يېڭى بىر مۇدىر تەيىنلىنىدۇ.
مۇدىرنىڭ ۋەزىپىلىرى
ماددا 10-(1) مۇدىرنىڭ ۋەزىپىلىرى مۇنۇلاردۇر:
1) ئىنستىتۇتنىڭ مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار يىللىق پائالىيەت پىلانىنى تەييارلاش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش.
2) ئىنستىتۇتقا ۋەكىللىك قىلىش، دائىمىي ھەيئەت ۋە كېڭەش ھەيئىتىگە رەئىسلىك قىلىش.
3) ئىنستىتۇت قارمىقىدىكى بۆلۈملەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى بىربىرىگە ماسلاشقان ھالدا ئېلىپ بېرىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە خىزمەتلەرنى نازارەت قىلىش.
4) مەملىكەت ئىچىدىكى ئورگانلار ۋە خەلقئارالىق ئورۇنلار بىلەن ئالاقە قۇرۇپ ئورتاق تەتقىقات پىلانلىرىنى بەلگىلەش
5) ئىنستىتۇت ۋە ئىنستىتۇتقا قاراشلىق بۆلۈملەرنىڭ يىللىق پائالىيەت دوكلاتىنى تەييارلاپ سۇنۇش.
دائىمىي ھەيئەت
ماددا 11 – (1) دائىمىي ھەيئەت؛ مۇدىرنىڭ تەۋسىيىسى ۋە رەئىسنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئاكادېمىيە ئەزالىرى ئارىسىدىن تەيىنلەنگەن تۆت كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا يەتتە كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. دائىمىي ھەيئەتنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇپ، مۇددىتى توشقان ئەزا قايتىدىن تەيىنلەنسە بولىدۇ. مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئايرىلغانلارنىڭ ئورنىغا قالغان مۇددەتنى تاماملاش ئۈچۈن يېڭى ئەزا تەيىنلىنىدۇ.
(2) دائىمىي ھەيئەت، مۇدىرنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئايدا ئەڭ ئاز بىر قېتىم يىغىلىدۇ. مۇدىر زۆرۈر تاپقاندا دائىمىي ھەيئەتنى يىغىنغا چاقىرالايدۇ.
دائىمىي ھەيئەتنىڭ ۋەزىپىلىرى
ماددا 12-(1) دائىمىي ھەيئەتنىڭ ۋەزىپىلىرى مۇنۇلاردۇر:
ئىنستىتۇت خىزمەت پىلانى ۋە تەتقىقات تۈرلىرىنى تۈزۈتۈش ۋە مۇدىرغا سۇنۇش،
ئىنستىتۇت تەتقىقات بۆلۈملىرىنى قۇرۇش ۋە خىزمەتلەرنى باھالاش،
كەلگۈسى تايانىچ كۈچ يىتىشتۈرىشكە ئائىت تەربىيەلەش كۇرسلىرى، لىكسىيە ۋە مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پروگراممىلاردا ۋەزىپىلەندۈرۈلىدىغان ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاكادېمىك تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئىنستىتۇت پائالىيەت دائىرىسىگە ئالاقىدار تەتقىقات تۈرلىرىدە ھەمكارلىشىدىغان ئۇنىۋېرسىتېت، تەتقىقات مەركەزلىرى ۋە ئىدارە-ئورگانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ مۇدىرغا سۇنۇش،
ئىنستىتۇتنىڭ يىللىق خىزمەت دوكىلاتىنى تەييارلاپ مۇدىرغا سۇنۇش.
بىلىم ھەيئىتى
ماددا 13-(1) بىلىم ھەيئەتلىرى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاكادېمىيە ئەزالىرى ياكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان شەرقىي تۈركىستانلىق ياكى چەتئەللىك تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدىن مۇدىرنىڭ تەكلىپى ۋە رەئىسنىڭ تەستىقلىشىدا ئۈچ يىللىق مۇددەت بىلەن تەيىنلىنىدۇ. بىلىم ھەيئىتى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئون بەش ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ. مۇددىتى توشقان ئەزالار قايتىدىن تەيىنلەنسە بولىدۇ. مۇدىر بىلىم ھەيئىتىگە رەئىسلىك قىلىدۇ.
(2) بىلىم ھەيئىتى نورمال ئەھۋالدا يىلدا بىر قېتىم، زۆرۈر تېپىلغان پەۋقۇلئاددە ھالەتتە مۇدىرنىڭ چاقىرىقى بىلەن يىغىلىدۇ.
بىلىم ھەيئىتىنىڭ ۋەزىپىلىرى
ماددا 14-(1) كېڭەش ھەيئىتىنىڭ ۋەزىپىلىرى مۇنۇلاردۇر:
ئىنستىتۇت خىزمەتلىرىنىڭ سۈپەت ۋە ئۈنۈمى ھەققىدە مۇدىرغا دوكلات سۇنۇش.
ئىنستىتۇتنىڭ مەقسەتلىرى دائىرىسىدە پىكىر-تەلەپلىرىنى مۇدىرغا سۇنۇش.
تۆتىنچى بۆلۈم
باشقا ۋە ئاخىرقى ھۆكۈملەر
ھۆكۈمى بولمىغان ئەھۋاللار
ماددا 15-(1) بۇ بەلگىلىمىدە ھۆكۈمى بولمىغان ئەھۋاللاردا، ئالاقىدار باشقا قانۇن ھۆكۈملىرى ۋە دائىمىي ھەيئەت قارارلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.
يولغا قويۇلۇش
ماددا 16-(1) بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
يۈرگۈزۈش
ماددا 17-(1) بۇ بەلگىلىمە ھۆكۈملىرىنى قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى يۈرگۈزىدۇ.