پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

قىسقىچە مەزمۇنى

مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدىغان ئامىللارنىڭ بىرى تىلدۇر. تىل بۇ جەرياندا ئۆز فۇنكسىيىسىنى ئەدەبىي ئەسەرلەر ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ساۋاتسىز جەمئىيەتلەردە بولسا بۇ ۋەزىپىنى ئاغزاكى ئەدەبىيات ئەسەرلىرى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەر، مەيلى ئۇ يازما ئەدەبىيات ئەسەرلىرى بولسۇن، ياكى ئاغزاكى ئەدەبىيات ئەسەرلىرى بولسۇن، خەلقنىڭ روھىنى، يەنى مىللىي ئاڭنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى بەرپا قىلىشتا، مىف، ئەپسانە، داستان، خەلق ناخشا- قوشاقلىرى، چۆچەك، لەتىپە ۋە ماقال-تەمسىللىرىنىڭمۇ مەركىزىي رولى باردۇر. بۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى پەقەتلا ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى ئەمەس، مىللىي كىملىك ۋە مىللەتچىلىك ئىدېئولوگىيىسى جەھەتتىنمۇ ناھايىتى مۇھىم بىر ساھە دەپ تونۇلۇشى كېرەك.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇر، مىف، مىللىي كىملىك، تىل، خەلق ئەدەبىياتى

كىرىش

تىل ۋە ئەدەبىيات بىلەن مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي كىملىك ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زىچ ۋە چوڭقۇر مۇناسىۋەت بار. تىل بولمىسا ئەدەبىيات، ئەدەبىيات بولمىسا مىللىي كىملىك بولمايدۇ. مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي كىملىكمۇ ئۆز نۆۋىتىدە تىل ۋە ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، ئەدەبىيات يازما ئەدەبىيات ۋە خەلق ئەدەبىياتى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. خەلق ئەدەبىياتى ئادەتتە باشقا يات ئەدەبىيات ۋە ئىدېئولوگىيىلەرنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىمىغان بولغاچقا، مىللىي خاراكتېرى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا بەزى تەتقىقاتچىلار خەلق ئەدەبىياتىنى مىللىي ئەدەبىيات دەپمۇ ئاتايدۇ. خەلق ئەدەبىياتى بىر مىللەتنىڭ تارىخى، ھېس-تۇيغۇسى، دۇنيا قارىشى، پەلسەپىسى، پىسخىكىسى، قىممەت ھۆكۈملىرى، ئېتىقاد ۋە ئەخلاق سېستىمىسى، گۈزەللىك چۈشەنچىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، خەلق ئەدەبىياتى خەلق روھىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. خەلق روھى بولسا، مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي كىملىكنىڭ ئاساسى ۋە ئۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ماقالىدا ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىنىڭ مىللىي كىملىك يارىتىشتىكى رولى ۋە فۇنكسىيىسى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1. تىل ۋە ئەدەبىياتنىڭ مىللىي كىملىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ئانتخوني سمىتخ مىللەت دېگەن ئۇقۇمنى تارىخىي بىر زېمىننى،ئورتاق مىھلەرنى ۋە تارىخىي خاتىرىلەرنى،بىر ئاممىۋىي مەدەنىيەتنى،ئورتاق بىر ئىقتىسادنى، ئورتاق قانۇنىي ھەق ۋە ۋەزىپىلەرنى ئورتاقلاشقان ئىنسانلار توپى دەپ تەرىپلىگەندىن كېيىن مىللىي كىملىك ۋە مىللەتنىڭ بىر -بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېتنىك،مەدەنىيەت، تېررىتورىيە، ئىقتىساد ۋە قانۇن- سىياسەت قاتارلىق نۇرغۇن ئامىلدىن تەشكىل تاپقان مۇرەككەپ قۇرۇلما ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ (سمىتخ 2014 :32-33). بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان “ئورتاق مىف” ۋە “ئورتاق تارىخىي خاتىرىلەر” بىۋاسىتە خەلق ئەدەبىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

مەلۇم بولغاندەك، مودېرنىست پارادىگما بويىچە ئېيتقاندا، تىل، ئۇرۇق ۋە قانداشلىق بىر مىللەتنىڭ شەكىللىنىشىدە ئالدىنقى شەرت بولمىسىمۇ، بىرلەمچى (primordialist ) پارادىگما بويىچە، تىل مىللەتنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل.

جوخانن گوتتفىرىېت ۋون خېردېر (Johann Gottfriet Von Herder ) نىڭ كۆزقارىشى بويىچە، تىل بىر گۇرۇپپىنىڭ ئۆزىنى باشقا گۇرۇپپىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ مۇستەقىل،ئۆزىگە خاس ۋە ئىجتىمائىي كىملىك بولۇپ مىللەتلىشىشىدە ئىنتايىن مۇھىمدۇر. تىل بىر مىللەتنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى، روھىنى ۋە خاراكتېرىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ(چوبانئوغلۇ 2000: 27 ) . بىرلەمچى پارادىگمىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ غول تاشلىرىنىڭ بىرسىدۇر. ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ئىزچىللىقىنى تەمىنلەيدىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرىدىغان ئاساسىي ئامىل مانا مۇشۇ تىلدۇر.

ماكس ۋىبىر (Max Weber)مۇ مىللەت تۇيغۇسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئەڭ مۇھىم مۇسپەت ئاساسنى تەشكىل قىلىدىغان مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ بېشىغا تىلنى قويىدۇ. ئۇنىڭ پىكرى بويىچە، تىل ۋە ئۇنىڭغا تايىنىدىغان ئەدەبىيات، مەدەنىيەت باسقۇچىغا قېتىلىشقا باشلىغان ئامما ئەڭ دەسلەپتە ئېرىشىدىغان بىردىن بىر مەدەنىيەت قىممىتىدۇر (ۋېبېر 2004 :264). ئەدەبىيات، بولۇپمۇ خەلق ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدىكى مىللىي سىمۋوللار، ئېتىقاد ئامىللىرى، تارىخىي ۋەقەلەر، غايىۋى تىپلەر ۋە ئىدېئولوگىيە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدۇ. ئاڭلىغۇچىلارغا كوللېكتىپ تۇيغۇ بېرىدۇ، گۇرۇپپا ۋە ئىجتىمائىي كىملىك ئېڭى بېغىشلايدۇ.

بەنەدىكت ئاندېرسون (Benedict Anderson) “خىيالىي جامائەت” دەپ تەرىپلىگەن ئۇلۇسلارنى بىرلەشتۈرىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىلنىڭ گېزىتلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشى بويىچە، كاپىتالىزم دەۋرىدىكى گېزىتلەر ۋە كىتابلار خەلق تىلىدا بېسىلغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر بىر بىرىنى چۈشىنەلىدى ۋە ئوخشاش بىر تەبىقىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بايقىدى (ئاندېرسون 2014 :59-60) . ئانالوگىيىلىك قىياس ئارقىلىق بۇ يەردىكى “گېزىت” ۋە “كىتاب”لارنىڭ بىز بىلىدىغان گېزىت ۋە كىتاپلار ئەمەس بەلكى ساۋاتسىز جەمئىيەتلەردىكى خەلق ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتالايمىز. كەڭ خەلق ئاممىسى خەلق ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق بىر -بىرىنىڭ دەردلىرىنى چۈشىنىدۇ، بىر-بىرىنى تونۇيدۇ ۋە قىسمەتلىرىنىڭ ئورتاق ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ.

مۇشۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا خەلق ئەدەبىياتى خەلققە خاس بىر ئالاقە تىلى ۋە ئالاقە ۋاستىسىدۇر. خەلق ئارزۇلىرىنى، دۇنيا تەسەۋۋۇرلىرىنى، ئېتىقادلىرىنى، ئەنئەنە ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىنى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت قىممەتلىرىنى، تارىخىنى، پىكىر ۋە ھايات پەلسەپىسىنى ئاغزاكى ئەدەبىيات ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ، “ئورتاق مىفلەر”نى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ، “تارىخىي خاتىرىلەر”نى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا يەتكۈزىدۇ. شۇڭا خەلق ئەدەبىياتى مىللىي كىملىكنى بەرپا قىلىشتا مەركىزىي رولغا ئىگە دەپ ئېيتالايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن «شاھنامە» داستانىنىڭ پارس مىللىي كىملىكىنىڭ، «كالېۋالا» داستانىنىڭ فىن مىللىي كىملىكىنىڭ بەرپا بولۇشىدىكى رولىنى ئەسلەپ ئۆتۈش كۇپايە. خېردېرمۇ نېمىس مىللىي كىملىكىنى فولكلوردىن، يەنى خەلق ناخشىلىرىدىن، خەلق ئەنئەنىلىرىدىن ئىزدىگەن. سمىتخنىڭ مىللەت تەبىرىدىكى “ئورتاق مىفلەر” خەلق ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپكى مەھسۇللىرى ئارىسىدا ئورۇن ئالىدۇ. بۇ مىفلەر ئومۇمەن ئۇرۇقنىڭ كېلىپ چىقىشى، جەددى، مۇقەددەس زېمىنلىرى ۋە ۋەزىپىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .

2. ئۇيغۇر مىف ۋە ئەپسانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يارىتىشتىكى رولى

ئۇيغۇرلارنىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدىكى مىفلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلار كۆك تەڭرىدىن كەلگەن قۇتلۇق بىر جامائەتتۇر. كۆك تەڭرى كۆكتىن كۆك بۆرە قىياپىتىدە چۈشۈپ ھون تەڭرىقۇتىنىڭ گۈزەل قىزىغا ئۆيلەنگەن ۋە بۇنىڭدىن ئۇيغۇلار تۆرەلگەن (ئۆگەل 2003 :17-18). مۇشۇ سەۋەپتىن كۆك بۆرە مىفولوگىيەلىك مەنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ جەددى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مىفنى ياراتقان زېھىن ۋە ئاڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆك بۆرە قىياپىتىدىكى كۆك تەڭرىنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ خەلقنىڭ
مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى، دۇنيادا تەڭرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان. كۆك بۆرە ھازىر باشقا تۈرك قوۋملىرىدىكىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلاردا مىللىي كىملىكىنىڭ ئاساسلىق سىمۋوللىرىدىن بىرى. بۇ سىمۋول ھازىرمۇ جەمئىيەت ئەزالىرىغا ئېتنىك مەنسۇبىيەت ئېڭى، مۇقەددەسلىك ئېڭى (كۆك بۆرە – كۆك تەڭرى مۇناسىۋىتىدىن تۇغۇلغان)، كۈچ – قۇۋۋەت ۋە ھۆرىيەت تۇيغۇسى بەخش ئەتمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈشى توغرىسىدىكى بىر ئەپسانىگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمدارى بۆگۈ قاغاننىڭ كېلىپ چىقىشىمۇ ئىلاھلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سېلېنگە دەرياسى بىلەن تولا دەرياسى قوشۇلغان يەردىكى بىر دەرەخنىڭ ئۈستىگە كۆكتىن بىر نۇر چۈشىدۇ. بۇ نۇردىن ھامىلە بولغان دەرەختىن بۆگۈ قاغان دۇنياغا كېلىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارغا ھۆكۈمدار بولىدۇ.

مۇقەددەس كۈچ بۆگۈ قاغانغا دۇنيانىڭ ھاكىمىيىتىنى بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئىشلىشى كېرەكلىكىنى تاپىلايدۇ. بۇ ئەپسانىدە سېلېنگە ۋە تولا دەرياسى ۋە ئەتراپى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس زېمىنى ۋە دۆلىتى بولغان بولسا، دۇنيا مۇقەددەس ئىلاھى كۈچ بۆگۈ قاغانغا بېرىش ۋەدە قىلىنغان زېمىندۇر. بۆگۈ قاغان “قاش تېشى”نى قولىدا تۇتىدىغان ۋە “كۆپ ئىشلەيدىغان”لا بولسا بۇ زېمىنگە ئىگە بولالايدۇ. بۇ ئىلاھىي ئىرادىگە ئاساسەن بۆگۈ قاغان دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىگە قوشۇن ئەۋەتىپ دۇنياغا ھۆكۈمران بولغان (ئۆگەل 2014 :84 -87).

بىراق بۆگۈ قاغاننىڭ ئەۋلاتلىرىدىن گالى تىگىن خىتاي مەلىكىسى بىلەن ئۆيلىنىش ئۈچۈن سۈت ھەققىگە ئۆز قوۋمى ۋە دۆلىتىنىڭ بەخت بۇلىقى ھېسابلىنىدىغان مۇقەددەس تاغنى، يەنى قۇتلۇق تاغنى خىتايلارغا بەرگەندىن كېيىن ھەم ئۆزىنىڭ بېشىغا ھەم قوۋمىنىڭ بېشىغا ھەم دۆلىتىنىڭ بېشىغا پالاكەت ياغىدۇ ۋە بۇ مۇقەددەس زېمىننى تاشلاپ كۆچۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ يەردە تاغ سىمۋولى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن مۇقەددەس زېمىنغا ئىگە چىقماسلىقنىڭ جازاسى كۆچ بولغان. شۇڭا كۆچ بۈگۈنمۇ ئۇيغۇرلارغا پالاكەتنى ئەسلىتىدىغان، مىللىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆملۈك تۇيغۇسىنى ئويغىتىدىغان مۇھىم بىر مېتاپورا بولۇپ قالغان. بۇ ئەھۋال ئورتاق ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ماتەملەرنىڭ كىشىلەرنى بىرلەشتۈرگۈچى رولى دەپ ئېيتقان رېناننىڭ كۆزقارىشىنى دەلىللەيدۇ (رېنان 1946 :121 ).

ئىلاھىي كېلىپ چىقىش ۋە ئىلاھىي ۋەزىپە ھەققىدىكى چۈشەنچە ئوغۇز قاغان داستانىدا تېخىمۇ ئوچۇق كۆرۈلىدۇ. داستاندا ئاي قاغاننىڭ سۈپىتىدە دۇنياغا كەلگەن ئوغۇز ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانى ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ ۋە دۇنيانىڭ قاغانى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: “مەن ئۇيغۇرنىڭ قاغانى بولىمەن، كىم يىرنىڭ دۆرت بۇلۇڭىنىڭ قاغانى بولسام كەرەك تۇرۇر. سىنلەردىن باش چالۇنغۇلۇق دىلەپ مەن دۇرۇر.”(ئارات 1987 :619). بۇ يەردە “يىرنىڭ دۆرت بولۇڭى” ئىپادىسى دۇنيانى كۆرسىتىدۇ. ئوغۇزنىڭ بۇ خىتاپنامىسى ئۇنىڭ دۇنيا ھاكىمىيىتى مەپكۇرىسىنى ناھايىتى ئوچۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ (قاپلان 1979 :32). ئوغۇز قاغان ھەر تەرەپكە قوشۇن ئەۋەتىپ دۇنيانى قول ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن كۆك تەڭرىگە بولغان قەرزىنى تۆلىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

ئۇيغۇر ئەپسانە ۋە داستانلىرى بويىچە ئېيتقاندا، دۇنيا ھاكىمىيىتى كۆك تەڭرى ئۇيغۇرلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلىگەن مۇقەددەس ۋەزىپە. ئوغۇز قاغان ۋە بۆگۈ قاغان بۇ ۋەزىپە ئۈچۈن تاللانغان قەھرىمانلاردۇر. دۇنيا ھاكىمىيىتى مەپكۇرىسىدىن فەتىھ ۋە ئىمپېرىيە قۇرۇش پىكرى تۇغۇلغان. چۈنكى كۆكتە كۆك تەڭرى بىر ۋە يېگانىدۇر. كائىناتنىڭ بىردىنبىر ھاكىمىدۇر. ھۆكۈمدار تەڭرىنىڭ دۇنيادىكى ۋەكىلىدۇر. كۆك تەڭرى يېگانە بولغانلقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ۋەكىلىمۇ بىر ۋە يېگانە بولۇشى كېرەك.

ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئەپسانە ۋە داستانلىرىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇ مەپكۇرىگە مەھمۇد كاشغەرىي ئىسلامىي تۈس بەرگەن. ئۇ “تۈركىي تىللار دىۋانى” ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: “مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشىنى تۈركلەر بۇرچىدا تۇغدۇرغانلىقىنى ۋە پەلەكنىمۇ شۇلارنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆرگىلەتكەنلىكىنى كۆردۈم. تەڭرى ئۇلارنى “تۈرك” دەپ ئاتىدى ۋە سەلتەنەتكە ئىگە قىلدى. دەۋرىمىزنىڭ خاقانلىرىنى تۈركلەردىن قىلىپ، زامان ئەھلىنىڭ ئىختىيار تىزگىنىنى شۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. ئۇلارنى ئىنسانلارغا باش قىلدى. ھەق ئىشلاردا ئۇلارنى قوللىدى. ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۈرەشكەنلەرنى ئەزىز قىلدى ۋە تۈركلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارنى ھەممە تىلەكلىرىگە ئېرىشتۈرۈپ، يامانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىدى. تۈركلەرنىڭ ئوقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يولىنى مەھكەم تۇتۇش ھەربىر ئەقىل ئىگىسىگە لايىق ۋە مۇناسىپ ئىش بولۇپ قالدى. ئۆز دەردىنى ئېيتىش ۋە تۈركلەرگە يېقىش ئۈچۈن، ئۇلارغا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىشتىن ياخشىراق يول يوق. كىمكى ئۆز گۇرۇھىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئايرىلىپ، تۈركلەرگە سىغىنىپ كەلسە، تۈركلەر ئۇلارنى ئۆز قانىتى ئاستىغا ئېلىپ،خەۋپتىن قۇتقۇزىدۇ. ئۇلار بىلەن بىللە باشقىلارمۇ پاناھ تاپىدۇ” (كاشغەرىي 2012 : 1-2″). ئۇلۇغ تەڭرى ئېيتىدۇ: مېنىڭ بىر تائىپە قوشۇنۇم بار. ئۇلارنى تۈرك دەپ ئاتىدىم. ئۇلارنى كۈنچىقىشقا ئورۇنلاشتۇردۇم. بىرەر قوۋمغا غەزەپلەنسەم، تۈركلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن. بۇ ھال ئۇلارنىڭ باشقا خەلقلەرگە نىسبەتەن پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئۇلارغا تەڭرى ئۆزى ئات قويغان، ئۇلارنى يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئېگىز، ئەڭ ھاۋالىق جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە “ئۆز قوشۇنۇم” دېگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركلەر كۆركەم، يېقىملىق، ئوچۇق چىراي، ئەدەپلىك، قېرىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان، ئاددىي-ساددا، كەمتەر، دادىل، مەرد ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان سان-ساناقسىز پەزىلەتلەرگە ئىگە.”(كاشغەرىي 2012 :267).

مەھمۇد كاشغەرىي بۇ سۆزلەرنى ھەقىقەتەن ئىشىنىپ دېگەن ئىدى. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىس شەرىپلەرنى قەسەم بىلەن دەلىل كۆرسەتكەن. “ئىشەنچىلىك بىر  بۇخارالىق ئالىم بىلەن نىشاپۇرلۇق باشقا بىر ئالىمنىڭ تەڭرى ئەزىز كۆرگەن پەيغەمبىرىمىزدىن دەلىل كەلتۈرۈپ ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى ئېنىق ئاڭلىغانىدىم: ‘پەيغەمبىرىمىز قىيامەت بەلگىلىرىنى، ئاخىر زامان پىتنىلىرىنى ۋە ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى سۆزلىگەندە: “تۈرك تىلىنى ئۆگىنىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ.” دېگەنىكەن.” (كاشغەرىي 2012 :2).

ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپكى مەھسۇللىرى بولغان مىف ۋە ئەپسانىلىرىدا ئەكس ئەتكەن بۇ ئېتىقات ۋە مىللىي ئاڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سەۋەبىنى ئىزاھلاپ بېرىدۇ. نەۋزات كۆسوغلۇ فورمۇلالاشتۇرغان ئىمان (ئېتىقاد، ئىدېئولوگىيە، دۇنيا قاراش، قىممەت ۋە پىكىر) ئەمەل(ئىش-پائالىيەت ۋە ھەرىكەت شەكلى)نى بەلگىلەيدۇ (كۆسئوغلۇ 1992 :189-204 ) دېگەن پرىنسىپ بويىچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار دىنىي-مىفولوگىيىلىك ئېتىقادتىن كېلىپ چىققان دۇنيا ھاكىمىيىتى چۈشەنچىسىگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلغان ۋە دۇنياسىنى مۇشۇنىڭغا ئاساسەن قۇرۇشقا تىرىشقان. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىيلار خانلىقى مانا مۇشۇنداق بىر ئېتىقادنىڭ نەتىجىسى بولۇشى كېرەك.

3. ئۇيغۇر خەلق داستان ۋە ناخشا-قوشاقلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يارىتىشتىكى رولى

مىللىي كىملىكنىڭ مەزمۇنى ئۆزگەرمەيدىغان دوگماتىك نەرسە ئەمەس. بۇلار جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. مەسىلەن، 10-ئەسىردىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى بىلەن بىللە يەنە مانىخەيىست كىملىكى ۋە بۇددىست كىملىكى بار ئىدى. 10-ئەسىردە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىگە مۇسۇلمان كىملىكى قوشۇلغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ مەزمۇنىدا ئۆزگىرىش بولدى. قۇرئان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى ھەم ئەرەپ-پارس تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدا شەكىللەنگەن چاغاتاي تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئۇيغۇر مۇسۇلمان كىملىكىنىڭ بەرپا بولۇشىدا چوڭ رول ئوينىدى. تارىخىي تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا دىنىي كىملىك مىللىي كىملىكنى بېسىپ چۈشۈشكە باشلىدى. بۇ جەرياندا، خەلق ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى خەلق تىلى بىلەن ئەرەب – پارس تىلىنىڭ ئېغىر تەسىرى ئاستىدا قالغان چاغاتاي تىلى ئوتتۇرىسىدا تەڭشىگۈچى رول ئوينىغان.

18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 19-ئەسىرنىڭ بېشىدا، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر شائىرلىرى ئەلىشىر نەۋائىينىڭ “خەمسە”سىدىكى “پەرھات-شىرىن”، “لەيلى-مەجنۇن”، “لىسانۇت تەير” قاتارلىق داستانلىرنى خەلق تىلى بويىچە نەسرىيلەشتۈرۈپ چىقتى. خەلق چۈشىنىدىغان ئۇسلۇب بىلەن ئاممىباپلاشتۇرۇلغان بۇ داستانلار كەڭ خەلق ئاممىسى ئارىسىدا تارقالدى. بۇلار باشقا داستان، رىۋايەت ۋە قىسسىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەپچى بولدى (ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى 2006 :440-442). بۇ مەزگىلدە مەيدانغا كەلگەن “تاھىر -زۆھرە”، “پەرھات-شىرىن”، “لەيلى-مەجنۇن”، “غېرىپ- سەنەم”، “ھۆرلىقا-ھەمراجان”، “سەنۇبەر”، “مەلىكە مېھرىلقا”، “مەلىكە دانىشمەن”، “شاھ ئادىلخان”، “بوز يىگىت”، “دەللە ۋە مۇختەر”، “يۈسۈپ-ئەخمەت”، “چىن تۆمۈر باتۇر”، “قەمەرشاھ ۋە شەمسى جانان”، “شاھزادە فەرۇخ ۋە مەلىكە گۈلرۇخ”، “گۈلشاھ ۋەرەقە”، “بەھرام-دىلئارام”، “گۈلشاد ۋە شىرزاد”، “شاھزادە نىزامىدىن ئاخۇن ۋە مەلىكە رەناخان”، ئابدۇراخمان خان”، “سېيىت نوچى”، “قىزىلگۈل” قاتارلىق داستانلار بىر تەرەپتىن ئىسالمىي ئېتىقاد ۋە ئەخلاقىي قىممەتلەرنى تەرغىب ۋە تەلقىن قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان كىملىكىنى مۇستەھكەملىگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن داستان ئېيتىشتا ئىشلىتىلىدىغان جانلىق تىل ئارقىلىق مىللىي تىلنىڭ شەكىللىنىشىگە زور ھەسسە قوشتى (ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى2006 :97). بۇ ئارىدا، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ تەركىبىدە “غېرىپ-سەنەم”، “بەھرام-دىلئارام”، “سەنۇبەر”، “يۈسۈپ-ئەھمەد”، “قەمەرشاھ ۋە شەمسى جانان”، “ھۆرلىقا- ھەمراجان”، پەرھاد- شىرىن”، “شاھزادە دىلدار -مەلىكە مېھرىلقا”، شاھزادە فەررۇخ- مەلىكە گۈلرۇخ”، “يۈسۈپ-زىلەيخا”، “تاھىر -زۇھرە”، “شاھزادە نىزامىدىن ۋە مەلىكە رەنا” قاتارلىق خەلق داستانلىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم. بۇ داستانلاردا سۆيگۈ-مۇھەببەت تېمىسى سۆزلەنگەندەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئاشىقلارنىڭ ۋىسالىغا توسالغۇ بولغان تۈزۈمگە قارشى ئىسيان ۋە كۆرىشى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆكۈمران كۈچلەرگە، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىشغالچى كۈچلەرگە قارشى كۈرەش ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدېئولوگىيە، پسىخولوگىيە ۋە مەنىۋىي دۇنياسىدا قاتتىق سىلكىنىش پەيدا قىلدى. بۇ ئەھۋالنى ئابدۇراخمان خان داستانى، نوزۇگۇم داستانى ۋە سېيىت نوچى داستانى قاتارلىق ئەسەرلەردە كۆرگىلى بولىدۇ. ئابدۇراخمان خان ئۆزىنىڭ ئەزىمەتلىرىدىن ئىسمائىل تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، نوزۇگۇمنىڭ ئىپپىتى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. سېيىت نوچى بولسا ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. دۇنيا ھاكىمىيىتى مەپكۇرسى بىلەن ياشىغان بىر مىللەت ئۈچۈن بۇ ناھايىتى چوڭ بۇرۇلۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر زېمىنى ۋە دۆلىتىنىڭ خىتاي ئىشغالىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېتىقاد ۋە مەنىۋىي دۇنياسىدىكى دۇنيا ھاكىمىيتى مەپكۇرسىنىڭ ئورنىنى ئۆز زېمىنىنى مۇداپىئە قىلىش پىكرى ئالدى. ئۇيغۇر داستانلىرىدا ئەمدى ئوغۇز قاغانغا ئوخشاش جاھانگىرلار ئەمەس، ئابدۇراخمان خان، نوزۇگۇم ۋە سادىر پالۋانغا ئوخشاش ۋەتەن، مىللەت ۋە ئىپپەت-نومۇسىنى مۇداپىئە قىلغۇچى قەھرىمانلار تەسۋىرلىنىشكە باشلىدى. بۇ داستانلاردا ئۇيغۇر جەمئىيتى دۇچ كەلگەن مىللىي كرىزىس ئەكس ئەتتۈرۈلۈش بىلەن بىرگە، خەلق مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرىلغان.

ئابدۇراخمان خان، نۇزۇگۇم، سادىر پالۋانغا ئوخشاش سىمۋوللۇق خاراكتېرغا ئىگە قەھرىمانلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان مىللىي سىمۋوللار ياراتقان ۋە بۇلارنى خەلققە رول مودېل سۈپىتىدە تەقدىم قىلغان. ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىمۇ بۇنىڭ نۇرغۇن مىساللىرى بار. بۇ يەردە پەقەت چىن تۆمۈر باتۇرنى ئەسلەپ ئۆتمەكچىمىز.

خېردېر (Herder) خەلق روھىنىڭ،يەنى مىللىي روھنىڭ ئەكسىنى فولكلوردا، يەنى خەلق قوشاقلىرىدا، خەلق ناخشىلىرىدا كۆرگەن(چوبانئوغلۇ 2007 :7). نەۋزات كۆسئوغلۇمۇ خەلق ناخشىلىرىنىڭ مىللىي كىملىك ئېڭىغا بولغان تەسىرىنى تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن تەكىتلىگەن:

“مىللىي كىملىكىڭلارغا ئىگە چىقىشنى خالامسىلەر؟ پەرقلىق بولۇشنى، ئۆزۈڭلارنى كۆرسىتىشنى، غورۇرلۇق ۋە مەيدەڭلارنى كېرىپ يۈرۈشنى خالامسىلەر؟ ئۇنداقتا ناخشا-قوشاق تىڭشاڭلار، ناخشا-قوشاق ئېيتىڭلار. چۈنكى مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ غول تىرەكلىرىدىن بىرسى مۇزىكىمىزدۇر ۋە مۇزىكىمىزنىڭ قەلبى ناخشا-قوشاقلىرىمىزدۇر”.  “تۈرك مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن، تۈرك بولۇش ئۈچۈن ناخشا-قوشاق ئېيتىڭلار. يات مەدەنىيەتلەرگە قارشى ئەڭ چوڭ كۈچىمىز مۇشۇ شۇ” (24-23 :1992 كۆسئوغلۇ).

ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، ناخشا-قوشاقلار بىر مىللەتكە خاس مەدەنىيەت خاتىرىلىرىنى قوغدايدىغان، كېينكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان، ۋاقتى كەلگەندە يېڭىدىن جانلاندۇرىدىغان مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى. بىز ناخشا-قوشاق ئېيتقان ياكى ئاڭلىغان ۋاقتىمىزدا، ئىختىيارسىز ھالدا ئورتاق كەچمىش خاتىرىلەرگە قېتىلغان بولىمىز. بۇ ئىجتىمائىي خاتىرىلەر بىزگە كىم ئىكەنلكىمىزنى ئەسلىتىدۇ. بىزنى ئورتاق تۇيغۇ ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن بىرلەشتۈرىدۇ. ھەممىمىز ناخشا قوشاقلاردا ئەكس ئەتكەن سىمۋوللۇق مەنا دۇنياسىدا بىر يەرگە كەلگەن بولىمىز. مىللىي كىملىك تۇيغۇ ۋە ئېڭىمىز جانلانغان ۋە كۈچەيگەن بولىدۇ.

خەلق ناخشا-قوشاقلىرى خەلقنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى، ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى، ئىسيانلىرىنى، ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى،دۇنيا قاراشلىرىنى، كەلگۈسى غايىلىرىنى ئەڭ جۇشقۇن ھالدا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى ناخشا-قوشاققا باي بىر ئەدەبىيات. بولۇپمۇ تارىخىي قوشاق دەپ ئاتالغان ناخشا-قوشاقلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئەۋلاتتىن ئەۋلادقا يەتكۈزىدىغان مۇھىم خەزىنە ۋە ئاغزاكى خاتىرىلەردۇر. سادىر پالۋان قوشاقلىرى، نۇزۇگۇم قوشاقلىرى، گۈلەمخان قوشاقلىرى، ئابدۇراخمان خان ھەققىدىكى قوشاقلار، سىيت نوچى قوشاقلىرى، خوتەننىڭ “قاراقاش ناخشىسى”، قەشقەرنىڭ “قىزىلگۈل ناخشىسى”، تۇرپاننىڭ “مايىمخان ناخشىسى”، قۇمۇلنىڭ “يارسەنەم ناخشىسى”، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ “ئانارخان ناخشىسى”، “دادەي ناخشىسى”، “ھاي- ھاي ئۆلەڭ ناخشىسى”، شۇنداقلا ” سېپىل ناخشىسى”، “ئۆستەڭ ناخشىسى”، “ئالۋاڭ ناخشىسى”، ۋاڭخولو ناخشىسى”، “كۆچ- كۆچ ناخشىسى”غا ئوخشاش تارىخىي ناخشا-قوشاقلار مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي كىملىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشتە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى، يەنى مىللىي تىلنى شەكىللەندۈرۈشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينىغان ۋە ھازىرمۇ ئويناۋاتىدۇ. بۇ يەردە، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىمۇ نۇرغۇن خەلق قوشاقلىرىنىڭ تېكست قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتەيلى. ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىمۇ ناخشا-قوشاقسىز تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن.

ئۇيغۇر خەلق ناخشا-قوشاقلىرى باشقا خەلقلەردە بولمىغان، پەقەتلا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە خاس مېلودىيە ۋە ئېستېتىك زوق بىلەن ئېيتىلىدىغان ناخشا-قوشاقلاردۇر. بۇلار ئۇيغۇر خەلقىنى تۈرك بولمىغان باشقا خەلقلەردىن، بولۇپمۇ خىتايلاردىن ئايرىيدىغان، ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەتنى تەلقىن قىلىدىغان فۇنكسىيىگە ئىگە.

ئۇيغۇر خەلق ناخشا-قوشاقلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن بەزى شائىرلار خەلق ناخشا- قوشاقلىرىغا خاس نەزمىي شەكىللەردىن پايدىلىنىپ شېئىر يېزىشقا باشلىدى.

     ئەي پېقىر ئۇيغۇر ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،
سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.
بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ،
ئاھ سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.

        قوپ دېدىم، بېشىڭنى كۆتەر ئۇيقۇڭنى ئاچ،
رەقىبىڭ بېشىنى كەس، قانىنى ساچ.
كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،
ئۆلۈرسەن ئارماندا بىر كۈن نا ئىلاج.

(ئابدۇخالىق 1987 :13)

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1920-يىللاردا يازغان بۇ شېئىرنىڭ تىلى ھازىرقى ئۇيغۇر تۈركچىسىدىن پەرقلىق ئەمەس. ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىغا خاس نەزمىي شەكىل بىلەن يېزىلغان بۇ شېئىر ئۇيغۇر خەلقىنى ئويغىنىشقا ۋە خىتايغا قارشى ئىسيانغا چاقىرىدۇ. بۇ شېئىردا مىللەت تۇيغۇسى ۋە مىللىي كىملىك ئېڭى ئەڭ يارقىن ئىپادىلەنگەن.

1930 – 1940-يىللاردا ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىدىكى “پەرھات-شىرىن”، “لەيلى-مەجنۇن”، “غېرىپ- سەنەم”گە ئوخشاش داستانلاردىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ئوپېرا ۋە دىراممىلار كەڭ خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ناھايىتى چوڭ تەسىر قوزغىغان بولۇپ، بۇلارمۇ مىللىي تىل، مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىكنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان.

ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى ھازىرمۇ مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىك ئۈستىدىكى ئۈنۈملۈك رولىنى جارى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مىللىي ۋىجدان ۋە مىللىي كىملىك ئېڭى ۋە سەزگۈرلىكى بولغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى مەھسۇللىرىنىڭ توپلىنىشى، رەتلىنىشى، نەشىر قىلىنىشى ۋە تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ۋە ھازىرمۇ كۆرسىتىۋاتىدۇ. توپلانغان خەلق ئەدەبىياتى مەھسۇللىرى ئارىسىدا، بولۇپمۇ خەلق قوشاقلىرىدا ئۇماي ئانا، ئالپ ئەر تۇڭا، سۇتۇق بۇغراخان، مەھمۇد كاشىغەرىي،يۈسۈپ خاس ھاجىب، ئاماننىساخان ،ئىپارخان، نۇزۇگۇم، ئابدۇراخمان خان غوجا، سېيىت نوچى، سادىر پالۋان، تۆمۈر خەلىپە، خوجانىياز ھاجى، ئابدۇقادىر داموللام، رىزۋانگۈل، غېنى باتۇر، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مىفولوگىيەلىك، تارىخي ۋە مەدەنىي ئوبرازلار مىللىي سىمۋول سۈپىتىدە كۆرىلىدۇ. بۇلار ھازىرمۇ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە مىللىي ئاڭ ۋە تارىخ ئېڭى بېغىشلىماقتا.

نەتىجە
مىللىي كىملىك تەبىئىتى بويىچە، جەمئىيەت ئەزالىرىنى بىرلەشتۈرىدۇ، ياتلارنى ۋە يات مەدەنىيەتلەرنى يەكلەيدۇ، بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتنى ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى قوغدايدۇ. مىللىي كىملىك ھازىرقى دۇنيا سىستېمىسىدىمۇ تەسىر كۈچى ناھايىتى چوڭ مەدەنىي ۋە سىياسىي كۈچلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ خىتاينىڭ خىتاي مەركەزلىك ئىرقچى ھۇجۇملىرىغا، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مىللەتچىلىكىگە قارشى ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئۈنۈملۈك مۇداپىئە لېنىيسى ۋە تىركىشىش-قارشى تۇرۇش مېخانىزمىدۇر. ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى بەرپا قىلىشتا، مىفلەرنىڭ، ئەپسانىلەرنىڭ، داستانلارنىڭ، ناخشا-قوشاقلارنىڭ، چۆچەك، لەتىپە ۋە ماقال-تەمسىللەرنىڭ ناھايىتى چوڭ رولى بار. شۇڭا ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى پەقەتلا ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ ئوبېكتى ئەمەس، مىللىي كىملىك ۋە مىللەتچىلىك ئىدېئولوگىيىسى نۇقتىسىدىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ساھە. بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك “تۇمۇردىكى ئېسىل قان” ۋە “مىللىي قۇۋۋەت” دەپ ئىپادىلىمەكچى بولغان مىللىي كىملىككە ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن كۆپ ئېھتىياجى بار.

مەنبەلەر:
ئاندېرسون، بەنېدىكت ( 2014). خىيالىي جامائەتلەر. ئىستانبۇل: مېتىس نەشرىياتى.
ئارات، رېشىت راخمەتى (1987). ماقالىلار. 1-توم. نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئوسمان پىكرى سەرتقايا. ئەنقەرە: تۈرك –
مەدەنىيىتى تەتقىقات ئىنستىتۇتى.
چوبانئوغلۇ، ئۆزقۇل (2000). ” بىلىم پەلسەپىسى جەھەتتىن فولكلور ۋە فولكلور بىلىمىنىڭ تېلېولوگىيىلىك كەچۈرمىشلىرى”. فولكلور/ ئەدەبىيات. 24 -سان، 27 – 42-بەتلەر.
ئەنئەنىنىڭ ئىجادى (2006). تۈزگىچىلەر: خوبسباۋن،ئېرىك -ترېرېنسە رانگېر. ئىستانبۇل: ئاگورا كىتابلىقى.
گەللنېر،ئەرنېست (2013). ئۇلۇسلار ۋە ئۇلۇسچىلىق. ئىستانبۇل: ھىل نەشرىياتى.
قاپلان، مەھمەت (1979). ئوغۇز قاغان داستانى. ئىستانبۇل: دەرگاھ نەشرىياتى.
كاشغەرىي، مەھمۇد (2012). تۈركىي تىللار دىۋانى. ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
كۆسئوغلۇ، نەۋزات (1992). مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىك. ئىستانبۇل: ئۆتۈكەن نەشرىياتى.
ئۆگەل، باھائەددىن (2003). تۈرك مىفولوگىيىسى. 1- توم. ئەنقەرە: تۈرك تارىخ جەمىيەتى نەشرىياتى.
ئۆگەل، باھائەددىن (2014). تۈرك مىفولوگىيىسى. 1 توم. ئەنقەرە: تۈرك تارىخ جەمىيەتى نەشرىياتى
ئۆمەر، ئۇچقۇنجان (2009). ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى قامۇسى. ئۈرۈمچى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى.
ئۆزتۈركمەن، ئارزۇ (2009). تۈركىيەدە فولكلور ۋە مىللىيەتچىلىك. 3-نەشرى. ئىستانبۇل: ئىلەتىشىم نەشرىياتى.
رېنان، ئەرنېست (1946). نۇتۇقلار ۋە مۇنازىرىلەر. ئەنقەرە: ساكاريا مەتبەئەسى.
سمىتخ، ئانتخوني (2014). مىللىي كىملىك. 7-نەشرى. ئىستانبۇل: ئىلەتىشىم نەشرىياتى.
سمىتخ، ئانتخوني (2013). مىللەتچىلىك. نەزەرىيە، ئىدېولوگىيە، تارىخ. تەرجىمە قىلغۇچى: ئۈمىت خۈسرەۋ يولسال.
ئەنقەرە: ئاتىف نەشرىياتى.
تىمۇرتاش، ك. فارۇق (1927). تىل داۋاسى ۋە زىيا گۆكئالپ. ئىستانبۇل: فاكۇلتېتلار مەتبەئەسى.
ۋېبېر، ماكس (2004). سوتسىيولوگىيە ھەققىدە ماقالىلار. تەرجىمە قىلغۇچى: تاخا پارلا. 6 نەشرى. ئىستانبۇل: ئىلەتىشىم
نەشرىياتى.
زۇنۇن، مەھەممەت-ئابدۇكېرىم راخمان (1982). ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىرى. ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق
نەشرىياتى
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى (1987). ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى 2 – جىلت، (2006). بېيجىڭ: مىللەتلەر نەشرىياتى.

مەنبە: خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى